ما شىڭرۇينىڭ «مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇلۇش» نى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2023.04.27

26-ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭغا ياردەم» پروگراممىسى بويىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 10-قېتىملىق كادىرلارنى ئۇزىتىپ، 11-قېتىملىق كادىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، «رايوندا مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولۇشى كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكانىڭ جورجىيە شىتاتىدىكى تۇڭگان ئانالىزچىسى سۇلايمان گۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ئىكەن.
سۇلايمان گۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يەرلىك خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىش، يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرىنى يوقىتىش، ئۇلارغا خىتاي خەلقى ئۆزىمۇ ئاللىقاچان تاشلىۋەتكەن قەدىمكى خىتاي ئادەتلىرىنى مەجبۇرىي تېڭىش، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى دوراپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى، مانا بۇلار ئۇلار تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش› تۇر.»
سۇلايمان گۇ ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ، ما شىڭرۈينىڭ سۆزىدىكى «مىللەتلەر ئارا ئارىلىشىش ۋە ئۆزئارا يۇغۇرۇۋېتىشنى كۈچەيتىش» دېگەن ئىبارىلەر ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئارا ئارىلىشىشنى كۈچەيتىش دېگىنى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىدىكى مىللەتلەرنى ئارا ئۆزئارا يۇغۇرىۋېتىش دىگىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق مىللەتلەرنى يوقىتىپ، ئاتالمىش ‹جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› نامىدىكى خىتاي ئۇلۇسى پەيدا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا، تىبەتتە، جەنۇبىي موڭغولىيەدە، مانجۇرىيەدە بۇ سىياسەت يۈرگۈزۈلىۋاتىدۇ، ھەتتا ھازىر تەيۋەننىمۇ ‹جوڭخۇا مىللىتى› نامىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ دەل ئۇنىڭ مىللەتلەرنى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئۆزى.»
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۇي سۆزىدە 10-قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتىگە كەلگەن كادىرلارنىڭ 3 يىللىق خىزمىتىنى خۇلاسىلاپ، ئۇلارنى «پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتىگىيەسى بويىچە، رايوندا تېرورلۇققا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتا زور تۆھپە قوشتى. رايوندىكى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى» دەپ مەدھىيەلىگەن.
سۇلايمان گۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پروگراممىسى بويىچە، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلىۋاتقان ئاتالمىش خىتاي كادىرلىرى ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشىتىكى تايانچ كۈچلىرى ئىكەن.
سۇلايمان گۇ مۇنداق دېدى: «ئاتالمىش ‹شىنجاڭغا ياردەم› نامىدا ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرى، شەرقىي تۈركىستانغا ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەنگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىدۇر. ئۇلار كۆرۈنۈشتە ياردەمگە كەلگەنلەر دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئەمەلىياتتە بولسا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە رايونغا نازارەت ئۈچۈن ئەۋەتكەن خادىملىرىدۇر. ئۇلار رايوندا مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزگەرتىش، مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، يەرلىك خەلقنى باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇنداق ئەمەلدارلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئەۋەتىشىنىڭ ئۆزى بۇ جاينى مۇستەملىكە رايون دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
ما شىڭرۇي سۆزىدە يەنە 11-قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتى ئۈچۈن كەلگەن كادىرلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭ خىزمىتى نىشانى بويىچە، تېرورلۇققا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ‹جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى›دا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى ئاساسلىق خىزمەت قىلىش» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي رەىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىستىراتېگىيەسى» دىكى مىللىي ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئەنۋەر جان ئەپەندى، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «جوڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بەرپا قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇۋېتىش» دېگەن ناملاردىكى مىللى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ، ماھىيەت جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە يۈرگۈزۈلگەن «بىرلا سوۋېت خەلقى» بەرپا قىلىش نامىدىكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭمۇ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.