«شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى
2019.07.10

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ نەشرىياتچىلىق خىزمەتلىرىمۇ كۈچەيمەكتە.
ئۇيغۇر زىيالىيسى، نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى. مەزكۇر كىتاب: بىرىنچى باب ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى، ئىككىنچى باب شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامىيەت، ئۈچىنچى باب شەرقىي تۈركىستاندا بوران-چاپقۇنلۇق يىللار، تۆتىنچى باب شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن بىر قىسىم نامايەندىلەر قاتارلىق 4 باب، 282 بەتتىن تەركىب تاپقان. بىز كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى يازغان ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى چەتئەلدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئانا تىلدا ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلغانلىقىنى، شۇڭا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بۇ كىتابنى يېزىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇندىن 1949-يىلغىچە بولغان تارىخى بايان قىلىنغان. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاخىرقى بابىدا تارىختا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
مەزكۇر ئەسەر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىشىنى ئوبيېكت قىلغان بولۇپ، ئاپتور ئەسەرنى يېزىشتا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچى سابىت ئابدۇراخمان يازغان «ئۇيغۇرنامە»، تونۇلغان تارىخچى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار»، «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق كىتابلاردىن پايدىلانغان. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىققان، ھازىر شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ ھون مەزگىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئۇيغۇر تارىخىنى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىنى، بۇرۇن نەشر قىلىنغان تارىخ كىتابلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 2000 يىللىق تارىخىنىڭ ئاممىباب تىل بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلىنغانلىقى ئېيتتى.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنى سېتىۋالغان. ئۇ، گەرچە بۇ كىتابنى كەسپىي تارىخچى يازمىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىكنى قوغداپ قېلىشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەۋاتقاندا ئاممىباب تىل ۋە ئۇسلۇب بىلەن بۇنداق بىر كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىشىدە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى خوجايىنى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇجېلىل تۇران تۈزگەن «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئەدەبىيات» ناملىق كىتابمۇ نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇنى يېڭى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولىدىكەن. ئۇنىڭ بۇرۇن «ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت»، «ھەج قائىدىلىرى» ناملىق كىتابلىرى ۋە كۆپ ساندا ماقالىسىمۇ ئېلان قىلىنغان.