كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنىدا ئۇيغۇرلارغا «ئاي توقاچ» سۇنغىنى مېھرى-شەپقەت ئەمەس
2021.09.23

خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان تاۋۇز چاغىنى «ئاي توقاچ بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ بايرام خىتايلارنىڭ چاغىنىدىن قالسا ئىككىنچى مۇھىم بايرام ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى، مەملىكەت بويىچە بۇ بايرامنىڭ 19-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈشنى ئۇقتۇرغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» 20-سېنتەبىر تارقاتقان «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كاتتا بايرامنى خۇشال خۇرام تەبرىكلىدى» دېگەن خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ بايرىمى تېخى يېتىپ كەلمەستىنلا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە كۆپ خىل شەكىلدىكى تاۋۇز چاغىنىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
خىتاي كادىرلار ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بۇ بايرىمىنى خىتاي قوشماق تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى نامايەندە قىلىپ، پارتىيەگە ئورتاق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 9 ئاينىڭ 17 كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى شاخ مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتتە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شياۋ پەن «بۈگۈن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە يۆبىڭ( ئايتوقاچ) پىشۇردۇق، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ناھايىتى تاتلىق بولدى!» دېگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ جايلاردىن تارقىتىۋاتقان، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «تاۋۇز چاغىنى» تەشۋىقات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، «تاۋۇز چاغىنىدا بايرىمىدا خۇشاللىق بىلەن ئۇچرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شادلىقىغا چۆمۈش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشنىڭ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىرتۇتاش ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي ئەنئەنىسىدە تاۋۇز چاغىنى ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشى، ئۆملۈكى، گۈللىنىش ۋە بەخت-سائادىتىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان، يىراق يېقىندىكى ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە ئەزالىرى جەم بولۇشۇپ «ئاي توقاچ» يېيىش ۋە ئۆز-ئارا سوغا قىلىشنى ئادەت قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جەم بولۇشىنى تەنتەنە قىلىدىغان بۇ سىمۋوللۇق بايرىمىنى، ئۇيغۇر رايونىدا بولسا «ھەر مىللەت ئاممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىش، جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش» تەك سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى 18-سېنتەبىر، لوپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلىرى شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى كوچا باشقارمىسىدا مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. كونكرېت تەشۋىقاتقا مەسئۇل خىتاي كادىر «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى، تاۋۇز چاغىنىنىڭ تارىخى ۋە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى» توغرىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلارغا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە چەكلىمىلەرنى قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي مىللىي ئەنئەنىۋى بايرام ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا سىڭدۈرۈشتە ھەر خىل تاكتىكا ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان بۇ خىل خىتاي مىللىتىگە خاس بولغان ئەنئەنىۋى بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە قىزىقمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى يولغا قويۇپ، زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلاپ ئۇلارنى ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتكە قويۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى بېسىم، قورقۇنچ، يالغان كۈلكە ۋە ساختا قىزغىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا.
زور ساندىكى ئائىلىلەر پارچىلانغان، ئائىلە ئەزالىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان، بالىلار تىرىك يېتىملەرگە ئايلانغان ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە ئوقۇش يېشىدىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاساسەن ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيەلىك تەربىيەسىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ تاۋۇز چاغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر نارەسىدە بالىلارغىمۇ خىتاي مىللىي ئەنئەنىۋى ئاي توقىچى بايرىمى بىلەن بىلەن تەڭ جۇڭخۇا مىللىتى روھىنى تەڭ سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلانماقتا.
بۇ ھەقتە تەڭرىتاغ تورىنىڭ بىر سۈرەتلىك خەۋىرىدە چۈشەندۈرۈلىشىچە، 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 11 يەسلىدىكى سەبىيلەر خىتاي مۇئەللىم بىلەن بىللە ئاي توقاچ پىشۇرغان. شۇ كۈنى بۇ يەسلىدىكى 300گە يېقىن بالا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «بالىلىقتىكى شادلىق-خۇشال تاۋۇز چاغىنى» باش تېما تەربىيەسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا «جۇڭگو ئەنئەنىۋى بايرىمىنىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، تاۋۇز چاغىنىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغانىكەن.
ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەردىن خەنرىي شېجەسكىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ھەتتا ئۇنىڭ ھېيت-بايراملىرى ۋە ئانا-تىلىنى چەكلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارنى يەنە يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىكى چەكلىمىلىرىنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ مىللىي بايرىمىنى تەڭ ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرىنى تەڭ يېيىشكە زورلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق» نىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە ھەقلىق بولغىنىدەك ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىمۇ ئاشكارا ئۆتكۈزەلمەيدىغان بىر ۋەزىيەتكە كەلگەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەنئەنىسىدىكى بۇنداق بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارنى تەبرىكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان سادىقلىقىنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مېنىڭ قارىشمدا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋامى».
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ يوقىتىش سىياسەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەت، تىل ۋە ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئۇسۇلدا ئۆزىنى ياكى ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زىيانكەشلىكلىرىدىن ئۆزلىرىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
خىتاي يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «تاۋۇز چاغىنى» كۈتۈۋېلىشقا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت، ئىجتىمائىي رايون، يېزا-كەنتلەردىكى ئۇيغۇرلار سەپەرۋەر قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن ۋە «قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان 2016-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى يوسۇندا ۋە ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە روزا ھېيت، قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىشى، نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چاغان بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، تاڭ زۇڭزا بايرىمى دېگەندەك خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملىرىنى، خىتاي قوشماق تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تەبرىكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاۋۇز چاغىنىدا ئۇيغۇرلارغا «ئاي توقاچ» سۇنغىنى، يەنى ئۇلارنى خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ئايتوقاچ يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن مېھرى-شەپقىتى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھازىرقى ۋاقىتتا بېسىم، تەھدىت قورقۇنچ ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا، بۇ خىل خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا. شۇڭا بۇ ئۇلاردا خۇشاللىق ۋە پەخىرلىنىش ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە يىرگىنچ ۋە قارشىلىق ھاسىل قىلىدۇ. خىتاينىڭ بۇنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس».