تايلاند مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپەيگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.08.27
Taylandiki-Partilash-xewe-1.jpg تايلاندىكى پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار گوللاندىيە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردىن پارچە.
nrc.nl

2015‏-يىلى 17‏-ئاۋغۇست تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتى ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە بەس-مۇنازىرە قىلىنغاندەك، گوللاندىيەنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى NS تىمۇ، مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار خەۋەر ئېلان قىلىندى ۋە پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر دىققەتنى چەكتى.

ئەينى چاغدا ۋەقە يۈز بېرىپ 2 سائەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئىنكاس بەرگەن تايلاندتىكى مەسئۇللاردىن بەزىلىرى گۇماندارنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن بۇ گۇماننىڭ ئاساسى ئاجىز دەپ قارالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مەنبەلەردە تايلاند دائىرىلىرى مەزكۇر پارتلىتىش گۇماندارىنىڭ كامېرادا كۆرۈنگەن قىياپىتىدىن ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە، گۇماندارنىڭ تۈرك پاسپورتلۇق كىشى ئىكەنلىكى، پاسپورتىنىڭ ساختا بولۇش مۇمكىنلىكى، ئالدىنقى ئايدا 109 ئۇيغۇر تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن كۈنى ئىستانبۇلدىكى تايلاند كونسۇلخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا ئاساسەن، 17‏-ئاۋغۇست تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى بولۇش ئېھتىماللىقى تەخمىن قىلىنغان مۇلاھىزىلەر تارقالدى.

مەزكۇر ۋەقەدە 22 ئادەم ئۆلۈپ 120 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم. ئەمما، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر گۇرۇپپا يا بۇ پارتلىتىش ھەرىكىتىنى ئۈستىگە ئالمىدى ۋە ياكى ھېچبىر گۇمان، تەخمىن ۋە كۆز قاراشلار يېتەرلىك ئىسپات بىلەن دەلىللەنمىدى.

ھازىر تايلاند پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى باڭكوكتىكى بۇ پارتلىتىش ھەرىكىتىنىڭ تايلاندىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارغا قانداق قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى باڭكوكتىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، تايلاندتىكى خەۋەر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن 20‏-ئاۋغۇست تايلاندقا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، تۈرلۈك ساھەلەرنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۆرۈشۈشلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىمۇ 17‏-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار گۇماندارنىڭ كىملىكى توغرىلىق تايلاندتىكى ئانالىزچىلارنىڭ پەرقلىق كۆز قاراشلىرى تەڭ مەۋجۇت ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئاي 109 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى ۋە 17‏-ئاۋغۇست باڭكوكتىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ «گۇمانلىق كىشىلەر» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە تايلاند مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەرمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك بېرىلمەكتە ئىكەن.

ئۇ يەنە ھازىر تايلاندتىكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك زىيادە سەزگۈرلۈك سەۋەبىدىن، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېغىز ئېچىشمۇ قۇلايسىز بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھازىرغا قەدەر تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تايلاندتىكى ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەيرلىك ئىشلار ۋەخپى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت زىچ ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.