تايلاند دائىرىلىرى پارتلاشنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە باغلىدى
2015.09.16

تايلاند ساقچى دائىرىلىرى 15-سېنتەبىر كۈنى ئالدىنقى ئاي باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلدى. ئەمما ۋەقەنى «ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، تايلاند ساقچى تەرەپ باشلىقى سوميوت پوئومپانموئۇڭ 15-سېنتەبىر كۈنى، باڭكوكتا 17-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ خىتايدىن تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان. تايلاند تەرەپنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا مەزكۇر پارتلاش ۋەقەسىگە خىتاي پاسپورتى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قوشۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تامامەن ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىغان، ھەتتا مەتبۇئاتلاردا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى «ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتاشنىمۇ چەكلىگەن ئىدى.
تايلاندتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى خىتايلار بولۇپ، مەتبۇئاتلار كۆپتىن بېرى بۇ ۋەقەنى تايلاندنىڭ 7-ئايدا 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى تۈپەيلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇر تېررور كۈچلىرىنىڭ ھەم تايلاند ھۆكۈمىتىدىن، ھەم خىتايدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ پەرەز قىلىشقان. خىتاي تەرەپمۇ ئوخشاشلا ۋەقەنى ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەرىپىنى تۇتقان. بىراق تايلاند تەرەپنىڭ ئېنىق يەكۈن چىقارماسلىقى تۈپەيلىدىن ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ھەمدە مۇددىئاسىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن بولماي كەلگەن ئىدى. تايلاند ساقچى باشلىقى سوميوتنىڭ 15-سېنتەبىردىكى باياناتىدا ۋەقەنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى، ئەمما ۋەقەنى ئۇيغۇر تېررورچىلىرى ئەمەس، بەلكى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە سادىر قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. سوميوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند تەرەپ ۋەقە سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تورنى تارمار قىلغان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى باڭكوكتىكى پارتلاشتىن ئىلگىرى توردا نوپۇس ساتىدىغان بىر ئادەم ئەتكەسچىلەر تورىنى قولغا چۈشۈرگەن، ئەتكەسچىلەر تورىنىڭ تارمار بولۇشى باڭكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسىگە تۈرتكە بولغان. سوميوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدىكى تايلاند ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ۋە باڭكوكتىكى پارتلاشنىڭ سەۋەبى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى بولۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئىستانبۇل بولغان. تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەتكەسچىلىك يولىنى كېسىپ تاشلاپ، ئەتكەسچىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باڭكوكتىكى پارتلاشنى پىلانلىغان «ئىزان» لەقەملىك شەخس بولسا ئابدۇساتتار ئابدۇراخمان ئىسىملىك ئۇيغۇر. ئۇ ئاخىرقى قېتىم ئەبۇزابىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىستانبۇلغا كىرگەن. بىراق تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەربابى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ پىكرىنى رەت قىلغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىشىنىڭ شۈبھىلىك بىر مەسىلە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ خىتاي چېگراسىدىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قاراقولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش نۆۋەتتە ياۋروپادا جىددىي كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر مەسىلە. گېرمانىيە بۇ ئاي ئىچىدە 2300 دىن ئارتۇق ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئالدى. بۇ ئەتكەسچىلەر گۇرۇھىنىڭ باشلىرى ئاساسەن سۈرىيە، رۇمىنىيە، ۋېنگىرىيە، بۇلغارىيىلىكلەر بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىرى گۇرۇھىدىن بىرنى تارمار قىلغان ئىدى. ئەمما ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار گۇرۇھىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈلۈپ باقمىدى.