خۇ پىڭ: ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزگەن دائىرىلەر خىتايلارنىڭكىنى بۇ ئۆلچەمگە سالمىدى
2013.11.21

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «زوراۋان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتىشى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزۈشتىكى مەقسىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ۋە بۇ باستۇرۇشنى خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن باغلاپ قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» دەپ كۆرسەتتى.
خۇ پىڭ ئەپەندى «28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» ۋە «16-نويابىر مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ ۋەقەلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ «قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى.» ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل نارازىلىقنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «چەتئەللەردىكى تېررورچى كۈچلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان زوراۋان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلىپ، كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىز مىللىي سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.
خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ بېكىتىپ باستۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتاي پۇقرالىرى پەيدا قىلغان پىچاق بىلەن يەسلى بالىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پارتلىتىش، ئاپتوبۇس، ماگىزىنلارغا پارتلىتىش بومبىلىرى قويۇش، ھۆكۈمەت بىنالىرىنى پارتلىتىش، ۋەقەلىرىنى «ئەقلىدىن ئازغان، ياكى جەمئىيەتتىن نارازى بولغان كىشىلەر سادىر قىلغان ئادەتتىكى جىنايى ھەرىكەت» دەپ بېكىتىۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇش سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلەپ:
-ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغان. بۇ پەقەتلا ئېزىلگەن، ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان قارشىلىق ھەرىكىتى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ھازىر بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر رايونىدىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز،-دېدى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ :
-ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ مۇشۇ خىل ھالەتتە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرسا، يېقىن زاماندا ئۇيغۇرلار رايونىدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىشى ۋە بۇ خىل قارشىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئومۇمىي خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن،-دېدى.