كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن «ئۈچ خىل كۈچلەر» نى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات قوراللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا سېلىپ، خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن زەھەرلەش، مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى كەڭ قوللانماقتا.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئالاھىدە ئىشلەنگەن «يالغانچىلىق بىلەن نىقاپلانغان ھىجرەت - غازات يولى» ناملىق مەخسۇس فىلىم ئىككى كۈندىن بېرى ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە قازاقچە تىللاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر جامائىتى ئىنكاس بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلانغان. خەۋەردە ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ فىلىم ھەققىدىكى تەسىراتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
فىلىمنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىدە ھىجرەتنىڭ زىيىنى، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنى، مىللەتچىلىكنىڭ زىيىنى گەۋدىلەندۈرۈلمەكچى بولغان. بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىنىي زاتلارغا ئەگىشىپ چېگرىدىن قاچماقچى بولغاندا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى غازات ئىدىيىسى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن تەربىيىلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تۈرمىسىگە چۈشكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلغانلىقىدەك بىر قاتار ۋەقەلىكلەر، راست بىلەن يالغان ئارىلاشتۇرۇلۇپ قوراشتۇرۇلۇپ چىقىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ فىلىمنى ئائىلىلەرگىچە ئەكىرىپ تەشۋىق قىلىشنىڭ ياخشى قورالى، دەپ قارىغان.
بىراق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىگە قارىتا كۆزقاراشلىرى باشقىچە. د ئۇ ق مۇاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئىسلام ئەقىدىسىگە قارشى بارلىق ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى دىنسىزلاشتۇرۇپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمىغان، ئىسلام ئەللىرىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرنى ساياھەت قىلىش ۋە ھەج قىلىش پائالىيەتلىرىگىمۇ يول قويمىغان بولاتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يوقىتىشنى ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپتىن قاتتىق باستۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات بىلەن قايمۇقتۇرۇشىدىكى تۈپ غەرىزى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشتىن ئىبارەت بىرلا مەقسەت ئۈچۈندۇر.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىدە ھەم بىر قاينام تاشقىنلىق، ھەم بىر يوشۇرۇن ۋەھىمە تەڭ ھۆكۈم سۈرمەكتە. قاينام تاشقىنلىق بولسا؛ مەجبۇرىي يولغا قويۇلىۋاتقان قىزىل ناخشا مۇسابىقىلىرى، سۈنئىي يارىتىلىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقى نەمۇنىچىلىكى، خەلقنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش قۇرۇق داۋرىڭىدىن ئىبارەت. ۋەھىمە بولسا؛ «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قارشى تۇرۇش نىقابى ئاستىدىكى قاتتىق باستۇرۇش، قاتتىق تەكشۈرۈش، ئۆي ئاختۇرۇش، چارلاش، تەقىپ قىلىش ۋە خالىغانچە قولغا ئېلىش، قاماش ھەرىكەتلىرىدۇر. خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ بولغان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە قارىتا جاڭ چۈنشيەن ئالدىنقى قېتىمقى مىللەتلەر مەسىلىسى يىغىنىدا «مىللىي مەسىلىنى كۆپتۈرمەسلىك»نى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا قەدەر يامرىغان بۇ ۋەھىمە ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا.
http://uyntv.cntv.cn/lm/xjtvnews/sy01/index.shtml
0:00 / 0:00