200 مىڭ كادىر قانداق ئارقا كۆرۈنۈش ۋە مەقسەتتە «تۆۋەن» گە چۈشۈرۈلىۋاتىدۇ؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.09.08
asasiy-qatlam-xizmet-guruppisi.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە-ئورگانلاردىن، 5826 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، خوتەنگە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئۈچۈن كېتىۋاتقان خىزمەتچىلەر. 2014-يىلى 3-مارت، ئۈرۈمچى.
www.gov.cn


ئۇيغۇر ئېلىدا 2014 - يىلىدىن ئېتىبارەن 200 مىڭ كادىرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ «تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» نامىدا يېزا - كەنتلەرنى مەركەز قىلغان ئاساسىي قاتلامغا خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىش ئىشى ئەمەلىيەتتە 2012 - يىلىدىن باشلانغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2012 - يىلى ئۈرۈمچى تەۋەسىدىن جەمئىي 485 نەپەر كادىرنى تاللاپ ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتكەن. شۇ يىلى «تۆۋەن» گە كادىر ئەۋەتىشنىڭ تېمىسى «ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىستىل تۈزىتىش» دېيىلگەن. 2013 - يىلى «تۆۋەنگە چۈشۈپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش» دېگەن نام بىلەن ئاساسىي قاتلامغا كادىر ئەۋەتىلگەن. 2014 - يىلىغا كەلگەندە ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنىڭ سانى بىراقلا يوقىرى كۆتۈرۈلگەن. تېمىسى «ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى «ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن بىر كادىر» ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2012 - يىلىدىن باشلانغان ئاساسىي قاتلامغا يوقىرىدىن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش خىزمىتى 2014 - يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدىكى زور ھەرىكەتكە ئايلانغان. گەرچە ھەر يىلى «تۆۋەن» گە كادىر ئەۋەتىشنىڭ شوئار ۋە چاقىرىقلىرى ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى «مۇقىملىقنى ساقلاش» ئىكەن.

«تۆۋەن» گە ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزا ياكى كەنتلەردىكى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا «مۇقىملىق» ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىكەن. يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىكەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «تۆۋەن» گە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشتە ئالدىن بىلەن «نۇقتىلىق ناھىيە»، «نۇقتىلىق رايون»، «نۇقتىلىق يېزا» ياكى «نۇقتىلىق كەنت» دېگەندەك سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر، ۋەقە كۆپ چىقىدىغان جايلارنى ئاساس قىلىدىكەن. يوقىرىدىن ئەۋەتىلگەن كادىرلارمۇ ئاساسلىقى بۇ خىلدىكى «نۇقتىلىق» جايلارغا ئەۋەتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى «تۆۋەن» گە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى تاللاشتا خىتاي كادىرلارغا «قوش تىللىق» بولۇشنى، ئۇيغۇر كادىرلارغا «پارتىيە ئەزاسى» بولۇش ياكى «سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچىلىك بولۇش» نى مۇھىم شەرت قىلىدىكەن.

ئۇندىن باشقا، «تۆۋەن» گە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنىڭ كەلگۈسىدە «ئۆستۈرۈلۈش ئوبېيكتى» بولىدىغانلىقى ئالدىنئالا ئەسكەرتىدىكەن. ئۇلار ئاساسىي قاتلامدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆپىنچىلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆسىدىكەن ياكى مائاشى ئۆرلەيدىكەن ۋە ياكى ئۇنۋانى كۆتۈرۈلىدىكەن.

«تۆۋەن» گە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلار ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە مەخسۇس سىياسىي ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىدىكەن. ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاللاپ چىققان «سىياسىي ئاكتىپلار» لارنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلايدىكەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلىش ئالدىدا «تۆۋەن» دىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا چوقۇم يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ماسلىشىشى لازىملىقى ئەسكەرتىلىدىكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.