ئالماتادا تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2015.05.27
20-مايدىن 22-مايغىچە ئالماتا شەھىرىگە جايلاشقان قازاق دۆلەت قىزلار پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭغا قازاقىستان، تۈركىيە، ئا ق ش، خىتاي، كورېيە، گوللاندىيە، سېربىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى مەملىكەتلىرىدىن بولۇپ 500 دىن ئوشۇق ۋەكىل قاتناشتى. ئۇنىڭغا شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ قازاقىستاندىكى باش كونسۇلى سۈبھى ئاتان، تۈركىيەنىڭ نىيدې ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ئادنان گورۇر، ئاقمۇللا نامىدىكى باشقۇرت دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى گۈلناز شافىكوۋا، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەت داغدۇران، بايتۇرسىنوف نامىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مىرزابېرگېن مالباقوف، باشقىمۇ قازاقىستانلىق ۋە چەتئەل ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، كۆرنەكلىك ئالىملار ئىشتىراك قىلدى.
قازاق دۆلەت قىزلار پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، نىيدې ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاقمۇللا نامىدىكى باشقۇرت دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىي خەلقلەر بويىچە ئاساسىي جەھەتتىن توققۇز مەسىلە، شۇ جۈملىدىن تۈركىي فىلولوگىيەسىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى، خەلقئارا دەرىجىدىكى بىلىم يۆنىلىشلىرى، تۈركىيشۇناسلىقنىڭ تۈركۈملەشتۈرۈش مەسىلىلىرى، ئېلىپبە مەسىلىلىرى ۋە باشقىلار مۇھاكىمە قىلىندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.