تۈركلەرنىڭ جاسارىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياجىنى (1)
2015.07.15

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 6 يىللىقىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۈركىيە ۋە غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىدە تۈرك خەلقىنىڭ ياردەملىرى زور رول ئوينىدى.
ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە بۇ يىل رامزان ئايلىرىدا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلار مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە چوڭ ۋە تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلدى. تۈرك خەلقىنىڭ زور ياردەملىرى ئۇيغۇرلارنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانلاندۇردى.
بۇ ياردەملەرنىڭ مەنبەسى نېمە؟ تۈركلەردىكى بۇ ھېسداشلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا، مۇھىمى تۈركىيە دۆلىتى ۋە خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قانداق؟ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىغا يەنە ئەرەب ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ئۇيغۇرلارنىڭ خىيال ئېكرانلىرىدىن كېچىشكە باشلىدى.
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، بىز د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دىققىتىڭلار بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە بولغاي.
سوئال: بولۇپمۇ، 2015-يىلى رامىزاندا مەيلى تۈركىيەدە، مەيلى ياۋروپا ئەللىرىدە بولسۇن، ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقلىرىنىڭ زور قوللاشلىرىغا ئېرىشتى. 10 مىڭلارچە تۈرك ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش سېپىگە قېتىلىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېسداشلىقلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلىدى. بۇ ياردەملەردىن سىز تاسادىپىيلىق ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
ئەنىۋەرجان: ياق، مەن بۇنىڭدىن تاسادىپىيلىق ھېس قىلمىدىم. چۈنكى، تۈرك خەلقى بىلەن بىزنىڭ قان بېغىمىز بار، تارىخىي، مەدەنىي باغلىنىشىمىز بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى، بولۇپمۇ رامزان مەزگىللىرىدىكى زۇلۇمى مەتبۇئاتلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنغاندىن كېيىن، تۈرك خەلقى قوزغىلىپ بىزگە ھېسداشلىقلىرىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى. تۈرك ۋە ئەرەب ئىسلام ئەللىرىنىڭ دىنىي زۇلۇملارغا بولغان ئىنكاسلىرىدىن ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ ئىمكانلىرىنى ئىزدىشىمىز لازىم.
دولقۇن ئەيسا: مەنمۇ تاسادىپىيلىق ھېس قىلمىدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر تارىختا ئورتاق تىل، مەدەنىيەت، ئورتاق دىنغا ئىگە بولغان ئوخشاش بىر خەلق. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈرك خەلقىگە مۇھەببىتى بار. ئۆزلىرىنى تۈرك ئىرقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. تۈرك خەلقىمۇ ئۇيغۇرلارنى تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ھېسداشلىق قىلىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە بۇنداق بىر كۈچلۈك سادا پەيدا قىلىشى ئەسلىدە نورمال بىر ھادىسە. ئەمما ھازىرغا قەدەر نېمىشقا ئۇنداق بولمىدى، دېيىلسە، گەرچە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم يېڭى مەسىلە بولمىسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ زۇلۇمنى تۈركىيەدە ئاڭلىتىش يېتەرلىك بولمىدى. خىتاي زۇلۇمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھازىرقى ئۇچۇر، ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى قولايلىقلار، خىتاينىڭ بۇنى كونترول قىلىشقا ئاجىز كېلىشى سەۋەبلىك، بولۇپمۇ رامزان مەزگىللىرىدىكى باستۇرۇشلارنى تۈركىيەدە كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش ئىمكانى تۇغۇلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنيا ۋە تۈركىيەدە تونۇتۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غەيرەتلىرىنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە رولى بولدى. تۈرك خەلقى مۇسۇلمان خەلق. ئۇنىڭ ئۈستىگە 600 يىل ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىلىكىنى ئۆتىگەن، دىنىي مەسىلىلەرگە بولغان خۇسۇسىيەتلىرى كۈچلۈك بىر خەلق. بۇ قېتىمقى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى، ئۇيغۇرلارنى يېتىم ساناپ كەلگەن خىتاي ئۈچۈن بىر زەربە بولدى.
سوئال: تۈرك خەلقىنىڭ بۇ دەستەكلىرىنىڭ خىتايغا بېرىدىغان سىگنالى نېمىلەردىن ئىبارەت، دەپ ئويلايسىز؟ سىزچە، بۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟
ئەنىۋەرجان: -ئەلۋەتتە، خىتايغا بەلگىلىك دەرىجىدە سىگنال بېرىدۇ. ئەمما خىتاي قانچىلىك چۈشىنىدۇ، بۇنى ئالدىن پەرەز قىلىش قېيىن. دېموكراتىك دۆلەت بولغىنىدا، بۇ قەدەر غەلياندىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىرىنى دەرھال بايقاش مۇمكىن ئىدى. خىتاينىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلارنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنىڭ خىتايغا دەرھال بىر رېئاكسىيە كۆرسىتىشىنى مەن كۈتەلمەيمەن. ئەمما ئەسلىدە، بۇنداق سىگناللار ئۆز خەلقىدىن قورققان دىكتاتورلار ئۈچۈن ناھايىتى خەۋپلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنى كېلەچەكتە كۆرىمىز.
دولقۇن ئەيسا: -خىتاي خەلقى شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەسىلە تۈرك خەلقىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى تارتمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي «ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەندىم، دۇنيادىكى كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندىم، خالىغىنىمنى قىلالايمەن، سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك كۈچلىرىم بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتەلەيمەن» دېگەن خام خىياللاردا بولغان بىر مەزگىلىدە، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ھېسداشلىقى خىتاينى ھەيران قالدۇردى ۋە چۆچۈتتى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ قوللاشلار ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان «مەن بۇ ئۇيغۇرنى قانچىلىك ئەزسەممۇ دۇنيانىڭ ئاۋازى چىقمايدۇ، مەن خالىغىنىمنى قىلالايمەن» دەيدىغان خاتا چۈشىنىشىگە نىسبەتەن قايتا ئويلىنىش سىگنالىنى بەردى، دەپ قارايمەن. بۇ نامايىشلار، بۇ ھەرىكەتلەر ئۇيغۇرنىڭ يالغۇز بولمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغىنىمنى قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى بوغۇپ، يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىمەن، دەيدىغان سىياسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ 80 مىليون تۈركنىڭ قوللىشىغا ئىگە بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى، بۇنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىدەك سىگنالنى بەردى، دەپ ئويلايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن دەرس ئالىدۇ.