توكيودا تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.09.28
turmemet-hashim-yaponiye-uyghur-turkiye-weziyiti.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمى پېشقەدەم ئەسكەرلەر يىغىلىش زالىدا تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2016-يىلى 27-سېنتەبىر، توكيو.
RFA/Qutluq

27-سېنتەبىر توكيودىكى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمى پېشقەدەم ئەسكەرلەر يىغىلىش زالىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات سۆزلىگەن.

دوكلات كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، دوكلاتقا توكيودىكى بىر قىسىم تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.

ياپونىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن كۇرېتاكە ئاسىيا مۇنبىرى ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇيۇشما ئەزالىرىغا تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات سۆزلىگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتى ھەققىدە توختالدى.

دوكلاتقا قاتناشقان ياپونىيە تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فۇجى گېنكى ئەپەندىم دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: «دوكلاتتىن تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشىنىش بىلەن بىرگە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغۇچىلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يالغۇز تۈركىيەنىڭلا ئەمەس بەلكى، ياپونىيەنىڭمۇ بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى شۇنداقلا سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ بىر قىسىم سوئاللارنى سورىغان.

دوكلاتتا تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ بۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تايلاندتىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، دوكلاتقا ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئۆزلىرىنىڭمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكلات ئىشتىراكچىلىرىدىن تەتقىقاتچى موتېكى ئەپەندىم ئوز تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە بولغان ئىنتىلىشىنى دوكلاتتىن تولۇق ھېس قىلدىم.بولۇپمۇ، ئەسكەرلەرنىڭ ئۆز خەلقىگە ئوق چىقارماستىن ئۆز خەلقنى سۆيۈشى ۋە خەلقنىڭ ئەسكەرلەرگە بولغان ھۆرمىتى مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى. بىز ئەسلەپ باقايلى، 1989-يىلى بېيجىڭدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن نامايىش قىلسا خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدى ئەمەسمۇ؟» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدىكى كۇرېتاكى ئاسىيا مۇنبىرى ئۇيۇشمىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ياپونىيەگە بىر قانچە قېتىم تەكلىپ قىلىپ، ياپون خەلقىگە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.