خىتاي كونسۇلى چيەن پونىڭ سابىر بۇغدانى قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى
2016.11.18
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى چيەن پو تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى سابىر بۇغدانى قوبۇل قىلدى، ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.
خەۋەردە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى چيەن پونىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيە ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى سابىر بۇغدانى قوبۇل قىلغانلىقى، قوبۇلدا باش كونسۇل چيەن پو، «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيە ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەتراپىدا زىچ ئۇيۇشۇپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى، بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا زور رول ئوينىغانلىقى، مەزكۇر ئۇيۇشما بىلەن سابىر ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتە، ئۇيغۇر ساياھەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ھەمكارلىق قىلىش ۋە قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.
كېيىن سابىر بۇغدا سۆز قىلىپ، «چيەن پو كونسۇلنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ۋە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي كونسۇلى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقى، خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنى، بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر ساياھەتچىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى سابىر بۇغدانىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا. بىز بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سابىر بۇغداغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇ، ئۆزىنىڭ سەپەردە ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ جاۋاب بېرىشكە ئۇنىمىدى.
ئۇيغۇرلار، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ خىتاي كونسۇلى بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىشىغا قانداق قارايدۇ؟ بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن قارشى چىقىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، كونا تەشكىلاتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سابىر بۇغرانى ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئۇچرىشىشنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى پەقەتلا سابىر بۇغدالا ئەمەس، خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان تراگېدىيەنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە قانۇنى بىلەن قۇرۇلغان بىر قۇرۇلۇشنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق خىتاي كونسۇلى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە خىلاپ ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھازىرقى ۋەزىيەتتە سابىر بۇغرانىڭ خىتاي كونسۇلى بىلەن بولغان بۇ خىل مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى 2010-يىلى سابىر بۇغدا تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىنى ئىستانبۇلدا قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.