«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تۈركىيەدىمۇ ساراسىم پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتايدا تارقىلىشقا باشلىغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، يەنى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھايۋاندىن ئادەمگە ۋە ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغان بىر خىل ئۆلتۈرۈش كۈچى يۇقىرى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋىرۇسى ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىتايدا تېز يامرىشى ۋە بىر قىسىم ئەللەردىمۇ بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدىمۇ جىددىيلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتايدەك نوپۇسى كۆپ بىر دۆلەتتىن تېز سۈرئەت بىلەن دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس-بەستە ئېلان قىلىنىشى تۈركىيەدە ساراسىم پەيدا قىلدى. ئەمما مۇنداق بىر پەيتتە 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا ئەپەندى بايان ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان بىرمۇ بىمارنىڭ جەزىملەشتۈرۈلمىگەنلىكىنى، بۇنداق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭمۇ بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا ئەپەندى باياناتىدا ۋۇخەندىن تۈركىيەگە ئايروپىلان قاتنىشى يوقلۇقىنى، ئەمما خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن ئىستانبۇلغا ھەپتىدە 3 كۈن ئايروپىلان قاتنايدىغانلىقى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئايرودروملاردىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ پەقەت تەكشۈرۈلگەندىن كېيىنلا تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى «يەنىچاغ» گېزىتىدە 23-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە بۇ ئەجەللىك يېڭى ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارغا شەپەرەڭدىن يۇققانلىقى تەخمىن قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قانداق يۇققانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بەك كۆپ مەلۇمات يوق ئىكەن.

خىتايدىن تارقىلىپ دۇنيادا قورقۇنچلۇق پەيدا قىلىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانا، دوست-بۇرادەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغىچە يېتىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىكەن. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇبادا بۇ ئەجەللىك ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئۇيغۇر دىيارىدا ياخشى كونترول قىلىنماي قالسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولىدىكەن.

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا سولىنىپ قويۇپ بېرىلگەن شاھىتلاردىن بىرى گۈلباھار جەلىلوۋا خانىم ئۆزىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزىدە قاتتىق ئەنسىرەش پەيدا بولغانلىقىنى، چۈنكى ئەگەر بۇ ۋىرۇس لاگېرلارغا تارقىلىپ كەتسە ئۇنىڭ زور ۋەھىمىلىك ۋەزىيەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا 26-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ خىتايدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كېلىشتىن توختىغان. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ 2-3 ئاي داۋاملىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. تۈركىيەدىكى بىر ساياھەت شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان تۇرسۇنئاي خانىم بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

27-يانۋار كۈنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن غوجا ئەپەندى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغاندا تۈركلەرگە ۋىرۇس تارقالغان خىتايغا ساياھەت قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيەدە مەزكۇر ۋىرۇسقا بولغان ئەندىشىلەر يەنىلا داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.