ئابدۇسالام تەكلىماكانى ھىندونېزىيەدە 20 مەيدان دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.03.07
Abdusalam-teklimakani-bandung-shehiride.jpg دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكانى ھىندونېزىيە غەربىي ياۋا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى باندۇڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئەدۋىن سانجايا ئەپەندىگە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىنى سۇنماقتا. 2019-يىلى 19-فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى «يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكانى يېقىندا ھىندونېزىيەدە ئېلىپ بارغان 2 ھەپتىلىك زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغان.

ھىندونېزىيەدىكى ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكانى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ھىندونېزىيەدە ئىككى ھەپتىلىك زىيارەتتە بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 3 ئۆلكىدە جەمئىي 20 قېتىم دوكلات بەرگەن. بۇلاردىن سىرت ئۇ يەنە ھىندونېزىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، بولۇپمۇ ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بەزى شەھەر باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكانى ھىندونېزىيەدىكى تۇنجى پائالىيىتىنى 19-فېۋرال كۈنى غەربىي ياۋا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى باندۇڭ شەھىرىدە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئەدۋىن سانجايا ئەپەندىگە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىنى سۇنۇش بىلەن باشلىغان. ئۇ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھىندونېزىيە مۇسۇلمان زىيالىيلار ئۇيۇشمىسىنىڭ غەربىي ياۋا شەھىرىدىكى شۆبىسىدىمۇ دوكلات بەرگەن.

«يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكانى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھىندونېزىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

20-فېۋرال كۈنى دوكتور ئابدۇسالام يەنە ھىندونېزىيەنىڭ باندۇش شەھىرىدىكى «ئاگۇڭ ترانس ستۇدىيو مەسچىتى» دە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.

21-فېۋرال كۈنى ئۇ ھىندونېزىيەنىڭ باندۇش شەھىرىدىكى ئەل-ھىدايە مەسچىتىدە يەنە بىر مەيدان دوكلات بەرگەن. ئۇندىن باشقا ئۇ 22-فېۋرال، 23-فېۋرال ۋە 24-فېۋرال كۈنلىرى ھىندونېزىيەنىڭ يوگياكارتا شەھىرىدىكى ئەل-فادىلاھ مەسچىتى قاتارلىق 10 يېقىن مەسچىتلەردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» دېگەن تېمىدا دوكلاتلار بەرگەن. كېيىن ئۇ يەنە ھىندونېزىيەنىڭ رىيائۇ رايونىدىكى ئالىملار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى دوكتور مۇستافا ئۆمەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

دوكتور ئابدۇسالام 27-فېۋرال كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ پېكانبارۇ شەھىرىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، 28-فېۋرال باڭكىڭناڭ شەھىرىدە، 29-فېۋرال كۈنى پەرەناپ شەھىرىدە، 3-مارت كۈنى بولسا ھىندونېزىيەنىڭ رەنگات شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بەرگەن.

ھىندونېزىيە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرى زور مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ھىندونېزىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىلەمدۇ؟ دوكتور ئابدۇسالامنىڭ كۆپ قېتىملىق دوكلاتلىرى جەريانىدا ئاڭلىغۇچىلار ئەڭ كۆپ قايسى سوئاللارنى سورىدى؟ بۇ ھەقتە دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكانى تەپسىلىي توختالدى.

يېقىندىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسۇن ياكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى بولسۇن، ئۇلار مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يېقىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت بولغاچقا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىنىڭ ناھايىتى تەخىرسىزلىكىنى بايان قىلدى.

«يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» 2018-يىلى 3-ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلۇپ، تۈركىيەدە تىزىملىتىلغان بىر قانۇنلۇق تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللەپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.