«ئىسلام دۇنياسىدىكى 4 يېتىم دىيار» تېمىسىدىكى يىغىندا «جازا لاگېرلىرى»مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.10.23
yighin-zali-amsun-bafra.jpg «ئىسلام دۇنياسىدىكى 4 يېتىم دىيار» تېمىسىدىكى يىغىن زالىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى سامسۇن ۋىلايىتىنىڭ بافرا رايونىدا «ئىسلام دۇنياسىدىكى 4 يېتىم دىيار» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، پەلەستىن، قىرىم تاتارلىرى ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «جازا لاگېرى» مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بافرا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە رايوندىكى ھەر قايسى ئىدارە- جەمئىيەت مەسئۇللىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

بافرادىكى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى ۋەقىپ رەئىسى ئىلياس ئالتۇنتاش ئەپەندى سۆزلىگەن. يىغىندا تارىخچى يازغۇچى ئەخمەت ئاناپاتلى ئەپەندى پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا، ھۈسەيىن مۇتلۇ ئەپەندى بولسا قىرىم مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان. شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى خامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. خامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار تۈركىيەدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا يىغىنلار چاقىرىلسا پەلەستىن، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلمەيتتى. بۇ قېتىم سامسۇن بافرادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام دۇنياسىدىكى 4 يېتىم دىيار» ماۋزۇلۇق پائالىيەتتە پەلەستىن، روھىنگا مەسىلىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. خامىت كۆكتۈرك تۇنجى قېتىم ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە بەزى تۈركلەر، تۈرك خەلقىنىڭ شۇنداقلا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە بۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن بىئارام بولماقتا. ئۇنداقتا تۈركلەرنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى پەلەستىننىڭ بۇرۇن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا تۈركىيەدىكى سولچى ئىدىيەدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

سامسۇن ۋىلايىتىنىڭ بافرا رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى 2015-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا 3 قېتىم پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان، تۇنجى قېتىم ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. تەشكىلات رەئىسى ئىلياس ئالتۇنتاش ئەپەندى ئۆز مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى مېنىڭ قېرىندىشىم، شەرقىي تۈركىستان مېنىڭ ئانا يۇرتۇم. ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى بىلىمىز. بىز مەسىلىنى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش مەقسىتى بىلەن ئاچتۇق. پەلەستىن بىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا شەرقىي تۈركىستانمۇ شۇنچىلىك مۇھىم».

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.