2016-يىل تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟
2016.12.29
تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار پاناھلىق تىلەپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئەينى زاماندىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەتئىمىن بۇغرا، باش كاتىپى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىنلەر تۈركىيەگە كېلىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا باشلىغان. كېيىنچە ئاستا-ئاستا تۈركىيە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنى قېرىنداش دەپ قارىغاچقا، ھەر دائىم ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىگە چىققان. ئۇنداقتا 2016-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈچۈنچۇ؟ ئۇيغۇرلار 2017-يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2016-يىلىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن قېيىن بىر يىل بولغانلىقىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلەشكەنلىكىنى، دۆلەت ئىچىدە پ ك ك تېررور تەشكىلاتى، ۋە فەتھۇللاھ تېررورچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، 2016-يىلىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋان قىلىش يىلى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، 2016-يىلىنىڭ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا قاراڭغۇ بىر يىل بولغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ 2017-يىلى قانداق بولار دېگەن تەشۋىشكە چۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، 2016-يىلىدا خىتاينىڭ تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئۆلىماسى، دىنىي زات ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ 2016-يىلى تۈركىيەگە 17 كىشىلىك بىر تىزىملىك سۇنغانلىقىنى، بۇنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچان ئىكەنلىكىنى، ياپچان قاتارىدا 4-6 كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە خەلقئارا قانۇنلارغا قول قويغان بولغاچقا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ 2017-يىلىدا ئېنىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئاللاھتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ 2017-يىلىدا ياخشى بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ھەر ساھەدىكى، ئوخشىمايدىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، 2017-يىلىدا تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ قايتا جانلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشسا تۈركىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.