تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نېمە ئۈچۈن تۈرك خەلقىنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرمايدۇ؟
2020.10.29
فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسلام توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك خەلقىنى فىرانسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. بۇ تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. داڭلىق ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى 28-ئۆكتەبىر كۈنى «قارار گېزىتى» دە ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇ ئوبزورىدا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن «ئالدى بىلەن خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش كېرەك ئەمەسمىدى؟» دەپ سورىغان.
تاھا ئاقيول ئەپەندى ئوبزورىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتىدىن كېيىن ئەنقەرە كارىخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى گۈرسەل باران ئەپەندىنىڭ «دۇنيانىڭ قەيىرىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان بولسا قاراپ تۇرالمايمىز» دېگەن باياناتىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
تاھا ئاقيول ئەپەندى ئوبزورىدا خىتاينى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاينى دېيىشىم سەۋەبسىز ئەمەس. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مەسچىتلەرنى چېقىۋاتىدۇ. ستالىننىڭ ‹گۇلاگ› لىرىغا ئوخشايدىغان لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تۇغماس قىلىشقا ئوخشاش ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە. ھازىر 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدا، بۇلارنى مەن دېمىدىم، بۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»
تۈركىيەدە تونۇلغان باشقا ژۇرنالىست ئوبزورچىلارمۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدى بىلەن تۈرك خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىققا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇلاردىن بىرى تونۇلغان ژۇرنالىست نەۋشىن مەنگۈ خانىمدىر. 28-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بىز ياۋروپادا ئىسلام دۈشمەنلىرىنى ئىزدەپ يۈرگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقى توغرىسىدا ئىككى جۈملە سۆزلىسەك بولمامدۇ؟» دېگەن سۆزلىرى ھەمبەھىرلەندى. ئۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، چۈنكى ھازىر ھاكىمىيەتتە بىرلەشمە ھۆكۈمەت بار. يەنى ھۆكۈمەتنىڭ كىچىك شېرىكى ۋەتەن پارتىيەسىدۇر. بۇ پارتىيەنىڭ رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك ئەپەندىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەك ياخشى. ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان تۈرك شىركەتلىرىدە مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ئىقتىسادى ھازىر ناچار، يەنى قەرز پۇل ئىزدەۋاتقان بىر دۆلەت. شۇڭا خىتايدىن قەرز ئالالايمىزمۇ؟ خىتايدىن بىر پايدا-مەنپەئەت كېلەرمۇ، دەپ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
ئۇنداقتا، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدى بىلەن تۈركىيە خەلقىنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە زور زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ماللىرىغا بايقۇت ئېلان قىلمايۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چاقىرىقىنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇنىڭغا قارشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلگىرى تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈرك خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ چاقىرىقنىڭ ئۈنۈمى ئانچە زور بولمىغان ئىدى.