خىتاينىڭ تۇرپان ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشى نېمىلەرگە سەۋەب بولىدۇ؟
2015.04.15

12-ئاپرېل خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانى ۋە تۇرپاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر تەلىپى.» بۈگۈنكى كۈندە تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ تەسىس قىلىنغانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك دىققەت ۋە ئىنكاس قوزغىدى. بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرپانغا بولغان سىياسىي، تارىخىي ۋە كەلگۈسى ھەر جەھەتلەردىكى ئىگىدارچىلىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىنتايىن ياۋۇز غەرەزلىرى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىگە جايلاشقان، مەركەز ئۈرۈمچىگە يىراق بولمىغان، تۇرپان قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، ئۇيغۇر قەدىمى مەدەنىيەت ماكانى. ئومۇمىي كۆلىمى 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كۆپ بولۇپ، ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. يارغول قەدىمىي شەھىرى، بويلۇق، كارىز، ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدەك ئاسارە-ئەتىقە ئورۇنلىرى، تارىخىي ئىزلار مۇكەممەل ساقلانغان، يالقۇنتاغ، شىپالىق قۇملۇقلىرى بىلەن ئۆزگىچە گۇمانلىنارلىق تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرىدە ئەسلىدىكى تۇرپان شەھىرى ناھىيە دەرىجىلىك بولۇپ قۇچۇ رايونى تەسىس قىلىنىپ، پىچان ناھىيىسى بىلەن توقسۇن ناھىيىسى ئۆزگەرمەيدۇ. تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇن تەرتىپكە ئاساسەن، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرىنىڭ بارلىق مەمۇرىي رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىلىدۇ. ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى ئۈرۈمچى، قارامايدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3-ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە ئايلىنىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي نېمە مەقسەتتە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى تەسىس قىلدى؟ شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن تۇرپاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەمۇرىي فۇنكسىيەسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ؟ خىتاينىڭ تۇرپاننى باشقۇرۇش شەكلىدىكى بۇ ئۆزگىرىش بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى قانداق چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر بويىچە ئانالىز يۈرگۈزدى.
ئېلشات ئەپەندى «بۇ قارىماققا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش تەدبىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈنلەي مەڭگۈلۈك مونوپول قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلىرىدىن باشقا تارىخىي ئىزلىرىنى سۈپۈرۈپ تازىلاش ۋە تارىخنى باشقىدىن يېزىشنى مەقسەت قىلغان چوڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ۋە تەخىرسىزلىك بىلەن باشلىغان ئاشكارا تەدبىرى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى يەنىمۇ پارچىلاپ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش ئۈستىدە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە كونكرېت تەدبىر قوللىنىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.