خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنجىندىكى پارتلاشقا تۇتقۇن پوزىتسىيىسى نارازىلىق قوزغىدى
2015.08.17
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 17-ئاۋغۇست كۈنى، تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ 114 كىشىگە يەتكەنلىكىنى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ، پارتلاشتا مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەردى. ئەمما خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى ئاۋامغا ئاشكارىلىمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمىغان خەۋەر-ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىۋاتقىنى ۋە بىر قىسىم تيەنجىن پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتتىن پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىرىنى ۋە پارتلاشتىن كېيىنكى زەھەرلىك گاز قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ پروگراممىسىدا بولسۇن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 17-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 غىچە بولغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەر سانى 114 بولۇپ، ئۇلارنىڭ 85 نەپىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئىكەنلىكى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان 698 ئادەمنىڭ ئىچىدە 40 نەپىرىنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، پورتتا ئىشلەيدىغان 7000 غا يېقىن ئىشچىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
17-ئاۋغۇست كۈنى تيەنجىن شەھىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى خې شۇسەن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاشتا 114 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 70 كىشىنىڭ دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى، 698 يارىدارنىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. سۆزىدە پارتلاشتىن كېيىن پورتتىكى زەھەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنىڭ 17 ئاۋغۇست كېچىگىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، پارتلاش رايونىدىكى زەھەرلىك خىمىيىۋى گاز ناترىي سياندت قاتارلىق خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە تيەنجىن پورتىدا يادرو قوراللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان، ئېكسپورت ئۈچۈن ھازىرلانغان 700 توننا ناترىي سياند بارلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
16-17 ئاۋغۇست كۈنلىرى بايانات بېرىلىۋاتقان مېيخۇا مېھمانخانىسىنىڭ سىرتىدا پورتتىكى پارتلاشتا ئۆلگەن ۋە غايىب بولغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە پورت ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر توپلىنىپ،نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن پارتلاشتا غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى، پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى ۋە جاۋابكارنى ئاشكارىلاشنى، پارتلاشتا ۋەيران بولغان تۇرالغۇسى ئۈچۈن باشقا جايدىن ئۆي بېرىش قاتارلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاش ھەققىدە بايانات بېرىلىۋاتقان مېيخۇا مېھمانخانىسىنىڭ سىرتىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقان پۇقرالار 200 دىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. مېھمانخانا سىرتىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقان پۇقرالار رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 5 كۈنگىچە پورتتىكى پارتلاش ۋەقەسى ۋە يىتىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئۇلارغا ئېنىق جاۋاب بەرمەسلىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پارتلاشتا غايىب بولغان تيەنجىن پورتى ساقچى ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىدىن ياڭ ۋېيگونىڭ دادىسى ياڭ جې ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن 5 كۈندىن بۇيان خەۋەر كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇلارغا ئېنىق جاۋاب بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پارتلاشتا غايىب بولغان پورتتىكى يۈك توشۇغۇچى ئىشچى جۇ شىڭچاڭنىڭ سىڭلىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېپىلغان ئۆلۈكلەر ۋە دوختۇرخانىدىكى يارىدارلار ئارىسىدىن ئاكىسىنى تاپالمىغانلىقىنى، بۇ يەردە نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ كەلگەنلەر ۋە پورت ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،پورت رايونىنىڭ جاڭ فامىلىلىك مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ پارتلاشتا ئۆيلىرى ۋەيران بولغان ئاھالىلەرگە ۋاقىتلىق تۇرالغۇ تېپىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئۆي ئىجارە ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پارتلاش رايونىدىكى ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەدبىرلىرى،پارتلاشتا ئۆيلىرى ۋەيران بولغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
پورت يېنىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ ئەپەندى 17-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى پورت ئەتراپىدىن سېتىۋالغان ئىككى يۈرۈش ئۆينىڭ پارتلاشتا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى، بۈگۈن بۇ يەردە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تۇرالغۇ ماكانى ۋەيران بولغان ئاھالىلەر بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدا توپلىنىپ ھۆكۈمەتتىن تيەنجىن شەھىرىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئولتۇراق رايونلاردىن ئۇلارغا يېڭى ئۆي ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاشتىن كېيىن ۋەقە ھەققىدە «يالغان ئۇچۇر تارقاتقان» دېگەن باھانىدە بىرقىسىم تور بېكەتلىرىنى تاقىغان، پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىغان بىر قىسىم تورداشلار تۇتقۇن قىلىنغان.
17-ئاۋغۇست رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭلىق تورداش شىياڭ لى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، پارتلاشتا ئۆلگۈچىلەر ۋە يارىدارلار سانى، پارتلاشتىن كېيىنكى مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ھازىرغىچە خەلق قايىل بولغۇدەك جاۋاب بەرمىدى. تۈنۈگۈن باش مىنىستىر لى كېچىياڭمۇ ئۆسەك سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاۋامغا ئاشكارىلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ھەر خىل خەۋەرلەر تارقىلىشى مۇقەررەر. ھازىرقى مەسىلە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقە ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتتى دەپ تور بېكەتلىرىنى تاقاپ، تورداشلارنى تۇتقۇن قىلىش ئەمەس بەلكى ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاش،» دېدى.