قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر: ئۇكرائىنا مەسىلىسى يېقىن ئارىدا ھەل بولمايدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-02-03
Share
ukraina-namayish-weziyiti.jpg ئۇكرائىنىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 27-فېۋرال.
AFP


مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، يەنى 22 - يانۋاردا گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكەن «نورماندى تۆرتلۈكى»نىڭ يەنى رۇسىيە، ئۇكرائىنا، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ نوۋەتتىكى ئۇچرىشىشىدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. ئۇچرىشىش ئاخىرىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىنىستىرلار ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قارشى تەرەپلەرنى ئېغىر قوراللارنى 2014 - يىل 19 - سېنتەبىردىكى مىنسك كېلىشىمىگە بېنائەن بەلگىلەنگەن چېگرا لىنىيىسىدىن چېكىندۈرۈشكە، بۇ مەسىلە بويىچە مۇزاكىرىلەرنى داۋام قىلىشقا چاقىردى.

بۇ جەرياندا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ئىككى ئارىدا ئوق چىقىرىش توختىتىلغان تەقدىردە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاستانىدا «نورماندى تۆرتلۈكى»نىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى. لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كېلىپ چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ رايوندا ئوق چىقىرىشلار يەنىمۇ داۋاملىشىپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. شۇ سەۋەبتىن ئاستانا ئۇچرىشىشى نامەلۇم ۋاقىتقا قالدۇرۇلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت