«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا شاھىتلار نېمە دەيدۇ؟ (2)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.07.07
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا شاھىتلار نېمە دەيدۇ؟ (2) بىر توپ خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قىزى. 2009-يىلى7-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

بۇ يىل 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرلىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرى، يەنى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىغا توپلىشىپ، خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرى «شۈرى» ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ تىنچ نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇپ، دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 

AP0907070437-small.jpg
بىر توپ خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال. 2009-يىلى7-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.

نۆۋەتتە بۇ قىرغىنچىلىققا 13 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ۋەقەلەر ھېلىھەم تولۇق ئاشكارىلانغان ئەمەس. ئالدىنقى پروگراممىمىزدا شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان شاھىت ھېبىبۇللا ئىزچى بىلەن بولغان بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان. ھەبىبۇللا ئىزچى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرىكى 5-ئىيۇل كېچىسى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كۆرگەن دەھشەتلىك ۋەقەلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدى. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سۆھبىتىمىزنىڭ 2-قىسمىنى ئاڭلايسىلەر. بۇنىڭدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ يەنە بىر شاھىتى، ھازىر تۈركىيەدە ياشايدىغان ئەخمەت بوساقئاخۇن بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

AP0907070601-small.jpg
ئېغىر قوراللانغان ئالاھىدە ساقچى خادىملىرى نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقان ئۈرمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ قارشىسىدا. 2009-يىلى7-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.