بۇ ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا خوتەندىن كەلگەن دىنىي زاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە مائارىپ سىياسەتلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ئالقىش ۋە تەئەججۈپلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى.
بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى زىيالىي سىراجىدىن ھاجىم، خىتاينىڭ ئۆز سىياسىتىگە قارىتىلغان كەسكىن پىكىرلەرگە ئورۇن بېرىشى گۇمانلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت سىياسەتلەرنى تونۇش جەھەتتە ئۇيغۇرلار پادىلىق ئىكەنلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى چوڭ يېغىندا خوتەن شەھىرىدىن بارغان ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ئىسىملىك بىر ۋەكىل ئوتتۇرىغا قويغان دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىش، مەكتەپلەردە دىننى سۇسلاشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىش، مىللىي كىيىم - كېچەكلەرگە چەكلىمە قويماسلىق، دوختۇرخانا قاتارلىق يەرلەردە ناماز ئوقۇش ئىمكانى يارىتىش، كىچىك بالىلارنى مەسچىتلەردىن توسۇلماسلىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى بۇ پىكىرلەرنى خىتايلارنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇسىدا ئېلان قىلىشتەك ئاجايىباتلار ھەققىدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ھەر خىل بولماقتا.
ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ بىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر 2 يېغىندا، ئابلىمىت داموللا ئىسىملىك كىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلاردا پىكىر بايان قىلغانلىقى ۋە بۇ پىكىرلەرنىڭ شۇ يەردە مەخپىي قالدۇرۇلماستىن خىتاي مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىدا ئېلان قىلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بۇ ھەقتە قانات يېيىۋاتقان ئىنكاسلاردىن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى مەلۇماتلاندۇرۇش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان سىراجىدىن ئەزىزىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىمىت داموللىنىڭ خوتەن خەلقى ئارىسىدا «ئابلىمىت شەيتان»، «شەيتان داموللام» دېگەندەك نامىمۇ بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى 2 يېغىندا سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ھەقىقىيلىقى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئۇنى سايراتقان بولۇشى مۇمكىن، دەيدىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىكەن.
سىراجىدىن ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر پىكىرلەرنى ئۆز تاراتقۇلىرى بىلەن خەلقئاراغا ئېلان قىلدۇرۇپ، مۇشۇنداق ئەجەبلىنەرلىك كەيپىيات بەرپا قىلغانلىقى خىتايلارنىڭ يېڭى يول - يېڭى سىياسەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىشىمۇ مۇمكىن ۋە ۋاقىتلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن نەيرەڭۋازلىق قىلىۋاتقانلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن، دېدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئويۇن ئوينىشىدىن قەتئىينەزەر بۇنداق بىر پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پايدىلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىدە بىرەر ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
0:00 / 0:00