خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى ساداقەتسىزلىكتە ئەيىبلىدى
2015.11.26
«فىرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 26-نويابىردىكى «ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرسەتتى» ناملىق خەۋىرىدە ۋە «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ 25-نويابىردىكى «پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە تېررورغا قاتنىشىشنى قوللىغانلار بار» ناملىق خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شۈ خەيرۇڭنىڭ «جۇڭگو ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش» گېزىتىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئوچۇقلىدى.
شۈ خەيرۇڭ دوكلاتتا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «بىر قىسىم كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك مەسىلە ئۈستىدە تەۋرىنىپ قالغانلىقى» نى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ «تېررورغا قاتنىشىشنى قوللىغانلىقى» نى تىلغا ئالغان. ئەمما مىللەت تەركىبى ياكى ئىسمى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
بىراق، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى «دوكلاتتا قارىغا ئېلىنغان كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى» نىڭ مىسالىنى بەرگەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، شۈ خەيرۇڭنىڭ ئېنىق قىلىپ «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نىشانى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك» دېگەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەنە «پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزملىق ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى جانلانغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەت كەسكىنلەشكەن، باش ئاغرىقىنى ساقايتمىسا بولمايدىغان دەۋرگە كىردى» دېگەنلىكىنى مىسال قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى تىلغا ئېلىپ «بەزىلىرى ھەتتا زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشنى قوللىغان، بەزىلىرى ئىدىيە-ئېتىقادىدا تەۋرىنىپ قالغان، بەزىلىرى ماركسىزم، لېنىنىزمغا ئەمەس، خۇداغا ئىشەنگەن، يەنە بەزىلىرى پارتىيەگە سادىق بولمىغان، مۇلايىم بولمىغان» دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات غەرب كىشىلىرىنىڭلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.
گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ساداقىتىگە ئەزەلدىن ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مەزگىلىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتتى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«فىرانسىيە ئاۋازى» «ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرسەتتى» ناملىق خەۋىرىدە، شۈ خەيرۇڭنىڭ «شىنجاڭدا بەزى كومپارتىيە ئەزالىرى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى ھەتتا ئۇنىڭغا قاتناشتى. بەزى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى قاتارلىق نېگىزلىك مەسىلىلەردە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمىدى» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خەۋەر، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ «مەزكۇر دوكلاتتا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال، يەنى خىتاي كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قېيىنلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن بېرى شىنجاڭدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەنلىكى، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە كومپارتىيە ئىچىدە ئىختىلاپ تۇغۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن ئۈزۈندىسىنى نەقىل ئالغان.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ئوچۇقلاپ، شۈ خەيرۇڭنىڭ «بىر قىسىم ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئىدىيىسى مۈجمەل» دېگەنلىكىنى مىسالغا ئالغان.