ئىستانبۇلدىكى بىر يىغىندا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015.01.05
qanighan-yarimiz-sherqiy-turkistan.jpg «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 4-يانۋار، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىندا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى. بۇ يىغىننى «ئىمار ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئەيۇب شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر، تۈرك بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا «ئىمار ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى يۈسۈپ ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يۈسۈپ ئەپەندى نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا «باش كۆتۈرگەننى ئۇر!» دېگەن بۇيرۇق ئالغان خىتاي ئەسكەرلىرى مۇسۇلمانلارغا قورال تەڭلەپ تۇرىدىغان بىر يۇرتنىڭ نامىدۇر. ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلەر كېلىپ يەرلىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا قېرىنداشلىرىمىز ئۆز يۇرتلىرىدا ھەر كۈنى زۇلۇم، بېسىم، قورقۇش ۋە ئەندىشە ئىچىدە، باستۇرۇش ۋە قەتلىئاملارغا قارشى مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

يۈسۈپ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان، 13 ياشلىق بىر بالا قۇرئان ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن، رامزاندا روزا تۇتۇش ۋە دىنىي ئىبادەت قىلىش چەكلەنگەن بىر جۇغراپىيەنىڭ نامىدۇر. ناماز ئوقۇش رەسمىي چەكلەنگەن يەرنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستاندۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە بېسىملارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتى شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشى، زۇلۇم ۋە بېسىمنىڭ يوق بولۇپ، ئادالەتنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

يۈسۈپ ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا مۇشۇنداق ئېغىر زۇلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلار ۋە دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە باشقا رايونلاردىكى ئىشغال زېمىنلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش كۈنتەرتىپكە كەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، كىشى ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تاشقى دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىلارنى قوللىنىشى چەكلىگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتىدۇر ۋە توغرا بىر شەكىلدە ئۇچۇر ئېلىش ئىنتايىن قىيىندۇر. ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يېڭى بىر مەسىلە ئەمەس بەلكى ھەل بولماي كېلىۋاتقان كونا بىر مەسىلە

يىغىندا ئىستانبۇل-ئەيۇب شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى رەمزى ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يېڭى بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ھەل بولماي كېلىۋاتقان كونا بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يېڭى بىر مەسىلە ئەمەس بەلكى ھەل بولماي كېلىۋاتقان كونا مەسىلە. بۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەسىلىسى بولۇپ بۇ ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسىدۇر.

رەمزى ئايدىن مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. بىزگە نىسبەتەن بۇ مەزلۇم جۇغراپىيىلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى زۇلۇم ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىمىز بىلەن، تىلىمىز بىلەن ياردەملىشىشىمىز كېرەك ۋە ياكى قەلبىمىزدە نارازىلىقى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، تۈركىستان ئىسلام قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەخمەت ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي، جۇغراپىيىسى ۋە مەدەنىيىتى شۇنداقلا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي، سىياسىي، دىنىي، تىل-مائارىپ جەھەتلەردە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىنىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىگە جايلاشقانلىقى، خىتاينىڭ غەربكە چىقىش ئۆتكىلى بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىستراتېگىيىلىك بۇ ئورۇن بولغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بۇ زېمىننى داۋاملىق ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇ يەردە قەتلىئام يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختىن بۇيان ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە بۈيۈك خىزمەت قىلغان 1000 يىلدىن ئارتۇق ئىسلام تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىگە ئىگە بىر خەلق بولغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئاجىز، ئەڭ مەزلۇم بىر خەلق بولۇپ قاراڭغۇ كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئىسلام ئۈممىتى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىگە چىقىشى كېرەك.

2 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا ۋەتەن توغرىسىدا ئۆسمۈر بالىلار شېئىر ۋە ھېكمەت ئوقۇدى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىگە قامالغان ۋە شېھىت بولغانلار ئۈچۈن دۇئا ئوقۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.