ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىشى ئىنكاس قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.08.20
bdt-xitay-lager-ret-qilish.jpg ئۇيغۇر ئېلىدا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن ئىنكار قىلىپ ب د ت دا سۆزلەۋاتقان خىتاي ۋەكىللىرى. 2018-يىلى 13-ئاۋغۇست.
webtv.un.org

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى كىشىنى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كومىتېتى تەرىپىدىن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ دۇنيادا بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدا يېتەرلىك ئىنكاس قوزغىيالمايۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى بىرلىشىشكە چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا قاماش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرى شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئاخىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشىغا ئېرىشمەكتە. ئالدى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ، ئۇلارنى دىنى ئەقىدىسىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئارقىدىن يېقىندا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن رەسمىي تىلغا ئېلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي مەۋجۇدىيەت مەسىلىسى خەلقئارالىق مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ ئورۇن ئالماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى لاگېرلار مەسىلىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان يۇقىرىدىكى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ زور غەلىبىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئۇ كۆزەتكۈچىلەر يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلىقىغا لايىق بىر ئەكس سادا پەيدا بولمايۋاتىدۇ»، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل دىنىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي ھوقۇق جەھەتلەردىن تەقىبلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل تەقىبلەش سىياسىتىنى تۇشمۇتۇشتىن تەنقىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىدىن ياكى خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرىدىن بىرەر سادا چىقمايۋاتقانلىقى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا.

بۈگۈن، «خاففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەكبەر شاھىد ئەخمەد ئىسىملىك ئاپتورنىڭ «دۇنيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى تۇتقۇندىكى بىر مىليون مۇسۇلماننىڭ ھوقۇقى ئورنىغا خىتاينىڭ پۇلىنى تاللىدى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىسى ئەنە شۇ خىلدىكى كۆز قاراش ئىپادىلەنگەن ماقالىلەرنىڭ بىرىدۇر. ماقالىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارشى ئوچۇق پىكىر بايان قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئازلىقى، چۈنكى يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھازىر خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا، خىتاي ئىستېمالچىلىرى ۋە خىتاينىڭ مەبلىغىگە قاراشلىق بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتى تىلغا ئېلىنىپ: «مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن قوزغالغان نارازىلىقلارنى ۋە روھىڭگا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قوزغالغان مەلۇم دەرىجىدىكى نارازىلىقلارنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان مۇئامىلىسى تېخىمۇ چوڭ زەربە بولماقتا» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىگە قىلىۋاتقان بۇنداق ئوچۇق ھۇجۇمىغا قاراپ تۇرۇشى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ» دېدى.

يېقىندا ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدىمۇ «ئىسلام رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ھەققىدە دەيدىغان بىر سۆزى يوق» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ماقالىدىمۇ: «بىرمۇ مۇسۇلمان رەھبەرنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ قوللىشى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ باقمىغانلىقى» بايان قىلىنغان. ماقالىدا يەنە: «. . . ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتى رەھبىرى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى دەپ باقمىدى. ئۆزىنى دىنىي ئەقىدىنىڭ باياناتچىسىدەك قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن سىياسەتچىلەر ۋە دىنىي رەھبەرلەرمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچى ئالدىدا سۈكۈت قىلدى. . . نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپلا قالماي، بەزىلىرى ھەتتا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرىنى قوللايدىغان دەرىجىگە يەتتى» دەپ يېزىلغان.

بۈگۈن، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى گۈلناز ئۇيغۇر «ئوتتۇرا شەرق كۆزى» ناملىق تور گېزىتىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىسلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىيىن-قىستاقلىرى ۋە باشقا زالىم سىياسەتلىرى ھەققىدىكى پولاتتەك پاكىتلار تۇرۇقلۇق، ناھايىتى ئاز ساندىكى مۇسۇلمان رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى. خىتايغا قارشى تۇرۇش ئورنىغا قىرغىزىستان، مىسىر ۋە ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بەرمەكتە. بۇنىڭغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بەرگەن ئىقتىسادىي ۋەدىلىرى سەۋەب بولماقتا. ئەمما خىتاينىڭ ياردەم ۋە قۇرۇلۇش تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇ پەقەتلا بىر قەرز قىلتىقى بولۇشى مۇمكىن» دەپ يازغان.

خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گىرۇسمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پايدا كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: «ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەر شى جىنپىڭنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق زور مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىشنى كۆزلەپ ئولتۇرماقتا. ئەپسۇسكى، بۇنداق بىر شارائىتتا بۇ دۆلەت باشقۇرغۇچىلىرى خىتايغا قارشى ئوچۇق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ» دېدى.

زۇبەيرە خانىم سۆزىدە، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىدا بۇ دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تۈزۈمىنىڭمۇ ھاكىمىيەت بىلەن ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرگە ئوچۇق بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچى گۇلناز ئۇيغۇر «ئوتتۇرا شەرق كۆزى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ: «قۇرئان سۈرىلىرىنى ئېغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئىسلام رەھبەرلىرى ئەمەلىيەتتە ئاللانىڭ ھەقىقىي بىر سۆزىنى، يەنى ئادالەت يولىدا بىرلىك بولۇشتىن ئىبارەت سۆزىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئۇلار، ھەممىمىزنىڭ گۇناھسىز ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، زالىمغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان. مەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن بىرلىك بولۇشقا چاقىرىمەن» دەپ يازغان.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
DeepSeek-suniy-eqil-1920
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.