ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نىلسون ماندېلا ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00


ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ھاياتىنىڭ 27 يىلىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزگەن ئەركىنلىك جەڭچىسى نىلسون ماندېلا 5 - دېكابىر كۈنى 95 يېشىدا ھاياتلىققا كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى پەقەتلا جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۈرەش ھاياتىدىن ئوزۇق ئالغان بارچە ئەل خەلقلىرىنى قايغۇغا چۆمدۈردى. دۇنياغا تونۇلغان بۇ كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانىنىڭ كۈرەش مۇساپىسى دۇنيادىكى بارلىق ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرگە بىر ئۈمىد چىرىقى بولغان بولغان ئىدى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر نىلسون ماندېلانىڭ ھاياتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئۆرنەك، دەپ كۆرسەتتى.

تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز ئىرادەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدا بولسۇن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نىلسون ماندېلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك يولىدا قىلغان كۈرىشى، دۇنيانى ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بىر جايغا ئايلاندۇرۇش يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرى، ئېرقچىلىققا، كەمسىتىشكە قارشى ھاياتى بويىچە قىلغان كۈرىشى بىلەن دۇنيانىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بىر شەخس. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەر ۋە شۇنداقلا باشقا ئاق تەنلىك بولمىغان بارچە خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جاپالىق كۈرەش قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىم تۈرمىلەرگە سولانغان، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن قارىلانغان، تېررورچى ئاتالغان ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەنى 1964 - يىلى قولغا ئېلىنغاندا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. ئەمما ئۇ، تۈرمىدىكى چېغىدىمۇ ئۈمىدىنى ئۈزمەي، كۈرەشتىن توختاپ قالماي، ئۆزىنىڭ پائالىيىتى ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن 1990 - يىلىغا كەلگەندە يەنى 27 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن ئازادلىققا چىققان. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا كۆپ خىل ئېرقلىقلارغا ئوخشاش سايلاش - سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلىدىغان دېموكراتىك تۈزۈم ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەر باشلانغان. 1994 - يىلىغا كەلگەندە جەنۇبىي ئافرىقا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بارلىق ئېرقلار ئوخشاش سايلامغا قاتناشقان تۇنجى دېموكراتىك سايلام بولغان ۋە نەتىجىدە نېلسون ماندېلا زور ئاۋازغا ئېرىشىپ، جەنۇبىي ئافرىقا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك پرېزىدېنت بولغان.

نىلسون ماندېلانىڭ مانا مۇشۇنداق بىر كۈرەش مۇساپىسى دۇنيادىكى بارلىق ئەركىنلىككە ۋە دېموكراتىيىگە ئىنتىلىۋاتقان، ئۇنى ياقىلايدىغان، دۇنيانىڭ ھەممە مىللەت، ھەممە ئېرقنىڭ باراۋەر ياشىشى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۈمىد ۋە ئىلھام مەنبەسى بولغان. شۇڭا بۇنداق بىر شەخسنىڭ ئۆلۈمىمۇ دۇنيا خەلقىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. تۈنۈگۈن 5 - دېكابىر كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىدىن باشقا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ نېلسون ماندېلا ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بىز ئالدى بىلەن ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئەزىز ئەيسا ئەپەندى نىلسون ماندېلانىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نىلسون ماندېلا پەقەت ئۆزىنىڭ سىياسىي كۈرىشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇستا دېپلوماتلىقى ۋە كىشىلىك پەزىلىتى بىلەنمۇ دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بىر شەخس. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى قەيسەر مىجىت ئەپەندى بىزنىڭ نېلسون ماندىلا ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزگە پىكىر قاتناشتۇرۇپ، نىلسون ماندېلانىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ناھايىتى تونۇشلۇق ئىكەنلىكىنى، بۇ شەخسنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بولىدىغان تەرەپلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا ئالدىنقى ھەپتە جەنۇبىي ئافرىقىغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا نىلسون ماندېلانىڭ ھاياتى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيىتى ئۈچۈن ئۈمىد چىرىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.