ياپونىيەدىكى پەلسەپە يىغىنىدا «ئۇيغۇر پەلسەپەسىدىكى بىلىش نەزەرىيىسى» ناملىق ماقالە ئوقۇلدى

0:00 / 0:00

27-سېنتەبىر ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلسەپە مۇھاكىمە يىغىنىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ پەلسەپە پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخمان «ئۇيغۇر پەلسەپەسىدىكى بىلىش نەزەرىيىسى» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىنى كۆپچىلىككە ئاڭلاتتى.

بۇ قېتىمقى پەلسەپە يىغىنى كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ياپونىيەدىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار ۋە شۇنداقلا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان.

دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخماننىڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت ماقالىسى كەڭ يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەككەن.

پەلسەپە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەركىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پروگراممىسىدا يەنە، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە خىتاينىڭ پارچىلىنىشى توغرىسىدا كۆپلىگەن بەس ‏-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. يىغىن ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن كەچ سائەت ئالتىگە قەدەر داۋاملاشقان.

بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، يىغىندىن كېيىن دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.