پەرھات مۇھەممىدى: چەتئەلدە رادىكال كۈچلەر سېپىگە قوشۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشىمايدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.07.31
perhat-muhemmidi-germaniye-myunxen-namayish-2015.jpg پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى گىرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى نامايىشتا، 2015 - يىلى ئىيۇل.
RFA/Ekrem


ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، ھىجرەت يولىنى تۇتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىشى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە گىرىپتار بولۇشى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئەرەب زېمىنلىرىدىكى رادىكال كۈچلەر سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى جىددىي ئويلاندۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولماقتا.

بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي تەشۋىقاتى «ئىسلام دۆلىتى» تەركىپىدە ئۇيغۇر جىھادچىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، بەزى غەرب مەتبۇئاتلىرىمۇ بۇ خىلدىكى خەۋەرلەرگە كۆپلەپ ئورۇن بەرگەن. نەتىجىدە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى بەلگىلىك دەرىجىدە سەلبىي تەسىر ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.

بىراق ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھاد مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» تەركىپىدە يالغۇز ئۇيغۇر جىھادچىلىرىلا ئەمەس، 100 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن مىڭلىغان رادىكال ئىسلامچىلار بار. بەزى ئەللەرنىڭ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن پاراللىل ئىدىيەدە تۇرۇپ تەشۋىق ھەم تەتقىق قىلىشى، بولۇپمۇ خىتاي كەبى تۇتقا قىلىۋېلىشى تۈپتىن خاتا.

د ئۇ ق نەشرىيات - تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ پىكرى بويىچە بولغاندا، غەرب ۋە ب د ت ئالدى بىلەن خەلقئارادىكى ھەر تۈرلۈك رادىكال ئىسلامىي گورۇپپىلارغا ئۆز ئىرادىسى بىلەن قېتىلىۋاتقان جىھادچىلار بىلەن، ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە خاراكتېرىنى پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئىلى نۆۋەتتە ئىچكىي ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇچقۇنلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە قەدەر چاچرىماقتا. ئۇ يەنە، رەدىكال گورۇپپىلارغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇجاھىدلىرىنىڭمۇ خىتايدىن باشقا بىرسىنى دۈشمەن ھېسابلاپ ئۇرۇش قىلغانلىقلىرىغا ئائىت دەلىل - ئىسپاتنىڭ ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خەلقئارانىڭ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە ئىجابىي بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن پەرھاد مۇھەممىدى ئەپەندى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىگە چىقىشنىڭ ب د ت باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.