ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوراللىق سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىش» كە خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئىنكاسلار پەرقلىق بولدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.02.20
urumchi-partlash-bronewik.jpg 22-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن برونېۋىكلار. 2014-يىلى ماي.
Oqurmen teminligen

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 14-فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە «تېررورلۇققا قارشى قەسەمياد يىغىنى» ئېچىلىپ، شەھەر كوچىلىرىدا «قوراللىق سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىش» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئەمما، خىتاي تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتىلغان «قوراللىق سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىش»تىن خاتىرجەملىك ھېس قىلغانلىقى ۋە قوللاۋاتقانلىقى تەرىپلەنمەكتە.

14-فېۋرال گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى ھەققىدە بىرقانچە كۈندىن بۇيان، خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ، «خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىنىڭ چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە يۈرگۈزگەن ھەم قاتتىق قول بولۇش، ھەم «قوشماق تۇغقان» بولۇپ ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈپ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ تەنقىدلەنمەكتە.

مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 16-فېۋرال خوتەندە، 17-فېۋرال قەشقەردە، 18-فېۋرال ئۈرۈمچىدە «تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئاممىۋى قەسەمياد يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى.

خىتاينىڭ خەلق تورى خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە 20-فېۋرال خەۋىرىدە، ئۆتكەن ھەپتە خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، 18-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «قوراللىق سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىش»، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش قەسەمياد يىغىنىدىن كېيىن رايوندىكى خەلقنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇققا زەربە بېرىش دولقۇنى ۋە شەھەر كوچىلىرىدىكى«قوراللىق سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىش» كە قارىتا، قوللاش ھەتتا قاتتىق باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقى تەرىپلەندى.

خەلق گېزىتى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «تېررورلۇققا قارشى قەسەمياد يىغىنى» ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە: «قىش كۈنىدىكى ئۈرۈمچى يېكەنكۆل شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىغا تۈمەن مىڭلىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى مەردانە روھىي قىياپەتتە توپلاندى. ئاق، يېشىل، قارا رەڭدىكى قوراللىق ئاپتوموبىللار چاسا ئەترەت تۈزۈپ، كۈچنى توپلاپ ئوت ئېچىش تەييارلىق ھالىتىگە كىردى. قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى كۈچلەر ‹ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلايمىز! غەلىبىلىك جەڭ قىلىمىز! ئىلغار ئىستىلغا ئىگە بولىمىز!› دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا قەسەم بەردى، ياڭراق ئاۋازلار پەلەككە يەتتى» دەپ بايان قىلىندى.

خەلق تورىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە سانلىرىدا يەنە، مەزكۇر گېزىت مۇخبىرىنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى پۇقرالارنىمۇ زىيارەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» دولقۇنىغا قارىتا قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقى، پۇقرالىرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ‹ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولغان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قىلچىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك، قاچىدىغان يول قويماسلىق، ئۇلارنى كۇكۇم تالقان قىلىش! مەركىزىي كومىتېتنى خاتىرجەم قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى خاتىرجەم قىلىش، ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنى خاتىرجەم قىلىش! بۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ تەۋرەنمەس نىشانى، يۈرەكتىكى ئەقىدىمىز،›، ‹ كوچىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى-ئاپتوموبىللىرى، برونېۋىكلىرى بىز پۇقرالاردا خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى» دېگەندەك جۈملىلەر بىلەن بايان قىلىندى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى 14-فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش دولقۇنى ھەققىدە توختىلىپ، خەلقئارادا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئەيىبلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئەلۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا،خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ھەر ۋاقىت يالغانچىلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلق گېزىتى خەۋىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ھېچقاچان يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ھەتتا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ ھەقىقىي سۆزى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىچىدە تانكا-برونېۋىكلىرى ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە ھەيۋە كۆرسىتىشى شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەقەدەر كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما خەلق گېزىتى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ۋەقەلەر ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە بېرىلىۋاتقان خەۋەرلىرىدە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى يوشۇرۇپ، ھەر ۋاقىت يالغانچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توختىمايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيەدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل ھۆكۈمەت خاھىشى بىلەن خەلققە مەجبۇرىي تېڭىلغان يالغان خەۋەر ۋە شوئارلارنىڭ خىتايدا ئومۇملاشقان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا مەيلى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر بولسۇن ياكى خىتاي كۆچمەنلىرى بولسۇن، رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇستەملىكە تۈسىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، شۇڭا ھەر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن مەزگىللەردە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ خىل يالغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش قەسەمياد يىغىنىدىن كېيىن، نەچچە يۈزلىگەن ساقچى ئاپتوموبىلى، برونېۋىك، ئۇرۇش ئاپتوموبىلى، ئوق ئۆتمەس مۇداپىئە ئاپتوموبىللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھىمايىسىدە يۈرۈش قىلغان خىتاي ساقچى، ئەسكەرلىرى، ئۈرۈمچى يىكەنكۆلدىن يولغا چىقىپ، قىزىل تاغ ئارقىلىق، جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىغا بارغان، ئۇ يەردىن توپلىشىپ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىتتىپاق يولى، غالىبىيەت يولى قاتارلىق كوچىلاردا ئاممىغا ھەيۋە كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.