ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلاردىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، يەنە بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات ۋەكىللىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەھمىيەتلىك تەبرىك نۇتقىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن، ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلارنىڭ يىغىن ئەھلىگە بەرگەن ئەھمىيەتلىك نۇتۇقلىرى، ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلىرىغا، ئۇيغۇر داۋاسىغا قاراتقان سەمىمىي تەۋسىيىلىرى، ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغان ھەمدە زور ئىلھام بەرگەن ئىدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەزكۇر ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئەھمىيەتلىك نۇتۇقلاردىن ئۈزۈندىلەر ئاڭلايسىلەر.