ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ «يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش» تەلىماتى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى
2016.10.10
سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك چاقىرىقى ھەققىدە مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا، شى جىنپىڭنىڭ يەرلىككە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەلىماتى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى.
ئۇ، بۇ تەلىماتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەر ئارا تەڭسىز ۋەزىيەتنى ئېتىراپ قىلىش پوزىتسىيەسى مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت نىيەت ۋە غايىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، بۇ تەلىماتنىڭ پەقەت خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە جاۋابەن ھەم ئېغىز تۇۋاقلاش مەقسىتىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر تەلىماتىنىڭ، بىر نۇقتىدىن يەرلىك خەلقلەرنى ئالداش ياكى ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلسا، سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، بۇ تېمىدا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا، خىتاينىڭ بۇ تەلىمات ئارقىلىق مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ياكى ئۇلارنى ئالداشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىلگىرىكى يىللارغا نىسبەتەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ چوڭلۇقى سىر ئەمەس؛ ئەمما بۇ تەرەققىياتتىن زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمىغانلىقى، ئەكسىچە بۇ تەرەققىياتنىڭ قۇربانى بولغانلىقىمۇ خىتاي تەرەپ ئۈچۈن يوشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان بىر رېئاللىق. خىتاينىڭ سودا-سانائەت ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تاشقى دۇنياغا بارغانسېرى ئېچىلىشى، بۇنىڭ ئۈستىگە رايوندا ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختاۋسىز يۈز بېرىشى خىتاي دائىرىلىرىنى رايوندىكى تەڭسىزلىكنى يۇقىرىقىدەك شەكىلدە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان.