سەدىردىن: «ھەيرانمەن، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ بىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنيا بىلمەمدىغاندۇ؟»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.02.11
سەدىردىن: «ھەيرانمەن، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ بىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنيا بىلمەمدىغاندۇ؟» 2017-يىلى 3-ئايدا ئاتۇشتا لاگېرغا قامالغان مۇيەسسەر مۇھەممەت قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە رۇخسەت ئېلىپ، 5-يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەن. 2022-يىلى يانۋار.
Photo: RFA

قازاقىستان پۇقراسى سەدىردىن رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتۇشتا لاگېرغا قامالغان ئايالى، يەنى 3 بالىسىنىڭ ئانىسى مۇيەسسەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىتىنى ئاكتىپ ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن مۇيەسسەر، لاگېرلار دەسلەپ باشلانغان مەزگىللەردە يۇرتى ئاتۇشتا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ 2019-يىلىدىن بۇيان زاۋۇتلاردا مەجبۇري ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا مۇيەسسەر قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە رۇخسەت ئېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەن. تەشۋىش ئىچىدىكى بۇ قىسقا كۆرۈشۈشتە سەدىردىن ئايالىنىڭ مەلۇم زاۋۇتتا مەجبۇري ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىتىدۇ.

بۇ ۋىدېيودىكى يىغلامسىرىغان ئانا بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى، يەنى 2017-يىلى 3-ئايدا ئاتۇشتا لاگېرغا قامالغان مۇيەسسەر مۇھەممەتتۇر. بۇ ئۇنىڭ لاگېرغا قامالغاندىن بۇيانقى 5 جەريانىدا قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ تۇنجى قېتىم تېلېفون قىلىشى ئىكەن.

مۇيەسسەر مۇھەممەتنىڭ يولدىشى قازاقىستانلىق سەدىردىن بۇ ۋىدېيولۇق كۆرۈشۈش خاتىرىسىنى يېقىندا رادىيومىزغا تەمىنلىدى. ئۇلار 2006-يىلى مىسىردا ئوقۇش جەريانىدا ئۆزئارا تونۇشۇپ توي قىلغان. 2007-يىلى قازاستاندا بەختلىك بىر ئائىلە قۇرۇپ، ئىككى ئوغۇل بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.

سەدىردىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايالى مۇيەسسەر مۇھەممەت 2016-يىلى 9-ئايدا پاسپورت ئۇزارتىش ئىشى بىلەن قازاقستاندىن يۇرتى ئاتۇشقا قايتقان، ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاتۇشتا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان. ئۇ تۇتۇلغاندا 4-پەرزەنتىگە يېڭىلا ئېغىر ئاياغ ئىكەن. مۇيەسسەر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇ لاگېر دوختۇرخانىسىدىن سەدىردىنگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ «بالا يوق بولدى» دېگەن.

سەدىردىن 2019-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، ئايالىنىڭ تۇتۇلۇشى، لاگېرغا قامىلىشى ۋە كېيىنچە ئاتۇشتىكى لاگېردىن چىقىرىلىپ زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى توغرىلىق ئۆزى ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى رادىيومىزغا يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.

لاگېرلار دۇنياغا پاش بولغاندىن كېيىن، «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ «كەسىپكە چىقىرىلغانلىقى»، ئۇلارنىڭ يەنىلا شۇ لاگېرلارغا يانداش سېلىنغان زاۋۇتلاردا قۇل ئورنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى پاش بولغان ئىدى. سەدىردىن بىرقانچە يىلدىن بۇيان خەلقئارالىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئايالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.

سەدىردىن يېقىندا ئۇندىدار ئارقىلىق ئايالى بىلەن سۆزلەشكىنىدە، ئۇنىڭ ئاتۇشتىكى مەلۇم ئېلېكتىر زاپچاسلىرى زاۋۇتىدا ئېيىغا 200 يۈەن مائاش بىلەن مەجبۇرىي ئىشلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ يېقىندا ئەنگىلىيەدىكى «خەۋەر قانال-4» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ «ئايالىم قۇل ئورنىدا ئىشقا سېلىنىۋېتىپتۇ. ئېيىغا 200 يۈەن خىتاي پۇلى نىمىگە يېتىدۇ! ؟. . .» دېگەن.

يولدىشى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەندە مۇيەسسەر ئۆزىنىڭ لاگېردىن زاۋۇتقا ئىشلەشكە چىقىرىلغانلىقى، 200 يۈەن ئايلىق ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قايسى زاۋۇتتا، كۈنىگە قانچە سائەتتىن ئىشلەيدىغانلىقى ۋە باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە گەپ قىلالمىغان.

تەشۋىش، ۋەھىمە ئىچىدىكى بۇ تۇنجى كۆرۈشۈشتىن كېيىن، سەدىردىن ئايالى بىلەن يەنە «كۆرۈشەلەيمەنمۇ-يوق» دېگەن ئەندىشە ئىچىدە قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئايالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پەقەت مەتبئۇئاتلارغا سۆزلەشتىن باشقا ئامالىنىڭ يوقلىقىنى، قازاقىستان دائىرىلىرىدىنمۇ ئۈمىدىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

سەدىردىن ئۆز ئائىلىسىگە ئوخشاش مىليونلىغان ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىپ، بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۈرمە، لاگېر ۋە قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان خىتايغا قارىتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئامال قىلالماي سۈكۈتتە تۇرغانلىقىغا بولغان ئەپسۇسلۇقىنى ئىپادە قىلدى. سەدىردىن ئاخىرىدا چوڭقۇر ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە: «ھەيرانمەن، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ بىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنيا بىلمەمدىغاندۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.