ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى داۋاملىق خەلقئارانىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشمەكتە
2019.05.06
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خاسىيەتلىك ئايلاردىن ھېسابلىنىدىغان رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۆزى خالىغانچە رامىزان روزىسى تۇتۇش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ بولماسلىقى يەنە بىر قېتىم ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردىن يەر ئالدى.
يېقىنقى مەزگىللەرگىچە مەلۇم بولغان تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىللار ئىلگىرى رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلارنى تاقاشقا رۇخسەت قىلماسلىق، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تاماق ياكى سۇ تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى رامىزان تۇتقۇزماسلىق دېگەندەك چارىلارنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى ئاشكارە بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» ياكى «زەھەرلىك ئۆسمە» دەپ جاكارلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا دىنىي كىملىكنىڭ ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن «دىنىي مەسىلە» گە باغلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق دىنىي تۈس ئالغان پائالىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، شۇ قاتاردا ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشتەك دىنىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت چەمبىرىكىدىن غايىب بولۇۋاتقانلىقى كىشىلەرگە مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
رامىزان ھارپىسىدا، يەنى 5-ماي كۈنى ئېچىلغان ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدىكى يىغىنىدا خەلقئارالىق مەسىلىلەر بويىچە تونۇلغان ئادۋوكات، ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، شۇنىڭدەك «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى خىللېل نيوۋېر ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەدىسىلا «ئىسلام ۋەھىمىسى» ھەققىدىكى قارارلارغا ئاۋاز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىرنىڭ ئۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىپ، ئۇلارنى كەمسىتىشنىڭ ئەڭ قەبىھ شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما يىغىن رەئىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلماستىن خىللېلغا داۋاملىق سۆز قىلىشنى بۇيرۇغاندا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى، شۇنىڭدەك خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ مۇشۇنچە زور مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققاندىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقالمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادىكى ۋە چەتئەللەردىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا ئۆزىنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى، شۇنىڭدەك رامىزانلىق تەبرىكىنى يوللىدى. مايك پومپېيو رامىزانلىق تەبرىكىدە بۇ ئاينىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە روھىيىتىنى پاكلاش بىلەن ئۆتىدىغانلىقىنى، رامىزاننىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بارلىق دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەرنى رەھىم-شەپقەت، ھۆرمەت ۋە ئۆزئارا ياردەمنىڭ خاسىيىتىنى ھېس قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ سەمىمىي رامىزانلىق تىلىكىنى «رامىزان كەرىم!» دېگەن جۈملە بىلەن ئاياغلاشتۇردى. مايك پومپيونىڭ بۇ باياناتى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىگە چاپلاندى. شۇنداقلا ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش تەدبىرلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى.
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» مۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. شۇنىڭدەك لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقەتنى تىكلەشنى ئاخىرقى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممىگە ئاشكارا بولۇۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىك ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش ۋە ئادالەتنى ياقلاشقا چاقىردى.
بۇ يىللىق رامىزانلىق چاقىرىقلار ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىرى چىكاگو شەھىرىدىكى «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» گۇرۇپپىسىنىڭ «خىتايدىن پەرھىز تۇتايلى!» دېگەن چاقىرىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تور بېتىدە بۇ شوئار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىپ: «خىتاي دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن يېگانە دۆلەت. ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان روزىسى تۇتۇشى ئۈچ يىلدىن بۇيان مەنئى قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي بىرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلىشقا ياردەملەشكەن. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز دىنىي ئەركىنلىكنى سۆيگۈچى بارلىق ئىنسانلارنى رامىزان مەزگىلىدە خىتايدا ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىمىز» دېيىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزاننى چەكلەش تەدبىرلىرى دۇنيا مىقياسىدا ھەممىگە بىلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىسلام دۆلىتى بولمىغان مەملىكەتلەردىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.