شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىگە بومبا ئېتىشى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.04.07
donald-trump.jpg ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دونالد ترامپ سايلام جەريانىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-نويابىر، نيۇ يورك.
AFP


خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن سۈرىيىنىڭ ھاۋا بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى. گەرچە بۇ، ئامېرىكىنىڭ بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قىلغان ھۇجۇمى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە يۈز بېرىشىنى ئالاھىدە مەناغا ئىگە دەپ قارىماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا پرىزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ فلورىدا شىتاتىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بۇندىن كېيىن قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى بولىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. پەيشەنبە كۈنى ئاخشام شى جىنپىڭ ئامېرىكا پرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ زىياپەت داستىخىنىدا ئولتۇرغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى سۈرىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا دونالد ترامپنىڭ بۇيرىقى بىلەن جەمئىي 59 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى. بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۇجۇم ھەققىدە قىلغان باياناتىدا، بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى سۈرىيىدىكى بىچارە خەلققە، ئاياللارغا-بالىلارغا خىمىيىۋىي قورال بىلەن رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمدا بوۋاق بالىلارنىڭمۇ جان بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ «خۇدا ياراتقان ھەرقانداق بىر بالا بۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى كېرەك» دېدى ۋە سۆزىنى داۋام قىلىپ، بۇ سەۋەبلىك، سۈرىيەدىكى بۇ خىمىيىۋىي ھۇجۇمنى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھاۋا بازىلىرىغا قارىتا ھۇجۇم قوزغاش بۇيرۇقىنى بەرگەنلىكىنى، خىمىيىۋىي قوراللارنىڭ يېيىلىشىنى چەكلەشنىڭ ئامېرىكىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە بارلىق مەدەنىي دۆلەتلەرنى سۈرىيىدىكى بۇ قىرغىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى قوللاشقا چاقىردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھازىرغىچە بولغان سىياسەتلىرىدە ۋە پرېزىدېنت بولۇشتىن ئاۋالقى سايلام پائالىيەتلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسەتلىرىگە مەركەزلەشكەن ھالدا بىر سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بىگۇناھ خەلققە قىلغان خىمىيىۋىي گاز ھۇجۇمىدىن كېيىن، بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتىگە بولغان پوزىتسيىسىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ بۇنداق ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىشى نۇرغۇن كىشىلەرگە تۇيۇقسىز ۋە ھەيران قالارلىق بىلىندى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى دونالد ترامپنىڭ بۇ قارارىغا چۈشەنچە بېرىپ، بۇنى ئېنىق بىر سىياسەت نەتىجىسىدە ئېلىنغان بىر قارار دېيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ بۇيرۇقنىڭ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە بېرىلىشىنى بىر تاكتىكا دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردىمۇ كۆزەتكۈچىلەر بۇ بومبىنى شىمالىي كورىيە، خىتاي ۋە رۇسىيەگە بېرىلگەن جىددىي سېگنال دەپ باھالىدى. ئامېرىكىدىكى ۋال سترىت ژۇرنىلىدا «ترامپ سۈرىيىدىكى ھۇجۇم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا سېگنال بەردى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە «پەيشەنبە كۈنى دونالد ترامپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، گەرچە سۈرىيىگە چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى سېگنال شىمالىي كورىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىرانغا چۈشتى» دەپ يېزىلغان. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو سىناقلىرىنى توختاتماي داۋام قىلىشىدىن قاتتىق بىئارام بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىمۇ بۇ جەھەتتە ئېنىق بىر تەدبىر ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ شى جىنپىڭ كەلگەن مەزگىلگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى پىلانلىق، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغان جەنۇبىي دېڭىزدا سۈنئىي ئارال ياساپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ جايدا ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە تۇتقان ئىغۋاگەر پوزىتسىيىسى بىلەنمۇ دىققەت قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىر قانچە قېتىم جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھاۋا ساھەسىدە ئۇچۇش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان سىياسەت يۈرگۈزىدىغان سېگنالنى بېرىشى، ئۇنىڭ رايوندىكى شېرىك دۆلەتلىرىنى ئۈمىدسىلەندۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن قەدەم تاشلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇنىڭغا ئەلۋەتتە كېسىپ بىر نەرسە دېيىش تەس بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا بۇنداق بىر تەسىرى بولىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشتىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئەلۋەتتە، بۇ قېتىم ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا دونالد ترامپتىن تەلەپ قىلىنغان ئەڭ مۇھىم تەلەپلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكىتلەش مەسىلىسى بولغان. نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، دونالد ترامپقا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. گەرچە ھازىرغىچە چىققان خەۋەرلەردە بۇنىڭ تىلغا ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما نۇرى تۈركەل ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ترامپ ھۆكۈمىتى ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايمەن دەيدىكەن، ئۇنىڭ چوقۇم ئاخىرى بېرىپ ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.