خىتاي ئانالىزچىلىرى «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.11.02
wang-lixiong-dalay-lama-305.png سۈرەتت ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى دالاي لامادىن «ھەقىقەت نۇرى» مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا
AFP

نۆۋەتتە بېيجىڭدا ياشاۋاتقان يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى خىتايدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بىر يۈرۈش يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان خىتاي يازغۇچىسىدۇر. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز سەزگۈر شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي كىشىدۇر. ئۇنىڭ 2007-يىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان «مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ» ناملىق كىتابى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا دىققەت قوزغىغان ئىدى.

ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى يېقىندا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ خىتايچە تورىدا «شىنجاڭنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش كېرەك» ناملىق ئوبزورىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ يازمىسى خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.

يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئۆز يازمىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلغان «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشلىرىنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئۇ يازمىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئەگەر مۇقىملىقنى ساقلايمەن دېسە بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ رايىغا بېقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن. 

ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى يازمىسىنىڭ باش قىسمىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېرىلگەن «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن يۈزلەشكىنىمدە ‹شىنجاڭ› دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىشتا ياكى يازمىلىرىمدا بۇ ئىككى خەتنى يېزىشتا تېڭىرقايمەن. چۈنكى خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان 20 مىليوندىن ئارتۇق خەلق ھەرۋاقىت ‹شىنجاڭ› دېگەن بۇ نامنى ھەر كۈنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئېتنىك تۈركۈملەر ھەققىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر ئۇيغۇر ۋەكىل ئەگەر كىمدە-كىم ‹شىنجاڭ›دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتسە، ئۆزىنىڭ بۇ مۇھاكىمىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.» 

يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى خەت مەنىسىدىن ئالغاندا «يېڭى چېگرا رايون» مەنىسىنى ئىپادىلەيدىكەن، بۇ ئاتالغۇ ئەمەلىيەتتە بۇ زېمىننىڭ تارىختا بېسىۋېلىنغان بىر تۇپراق ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئالغا سۈرىدىكەن. ئۇيغۇرلار بۇ تۇپراقتا ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، پەقەت مۇستەملىكىچىلەرلا «يېڭى چېگرا رايون» دېگەن مەنىنى بېرىدىغان «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى قوللىنىشقا لايىق ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ زېمىنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار بۇ ئاتالغۇنى قوبۇل قىلمايدىكەن.

ئىلگىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندىمۇ يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭنىڭ يازمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈنلا سەزگۈر سىياسىي تېما بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھاقارەتلىك نام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى: 

«شىنجاڭ ئاتالغۇسى ھەقىقەتەن مۇستەملىكە مەسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ نامنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئاتاشنى خالايدىغان ‹شەرقىي تۈركىستان› دېگەن ئاتالغۇنى قورقۇنچلۇق بىر ئاتالغۇغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. خىتاي تەشۋىقاتىدا شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىغا ‹تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك› دېگەندەك سۈپەتلەر بېرىلدى، بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنلەر جازالاندى. شۇڭا خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دېگەن بۇ نامنى ئىشلىتىشتىن قورقىدۇ. لېكىن مېنىڭچە ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ياقتۇرىدىغان ‹شەرقىي تۈركىستان› ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىشىمىز كېرەك. ھازىر بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، تەتقىقاتچىلار، بولۇپمۇ خىتاي زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزى توغرا دەپ خالىغان ئاتالغۇنى قوللىنىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.» 

كانادادا ئادۋوكاتلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى شاۋېن جاڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹شىنجاڭ› سۆزى سۆز مەنىسىدىن ئالغاندا ھەقىقەتەن ‹يېڭىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن› مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. گۇگۇلدىن تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بۇ ئاتالغۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە قويۇلغان نام. بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى ھەقىقەتەنمۇ مۇستەملىكە زېمىن مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامنى ياقتۇرماسلىقى مۇقەررەر.»

ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى يازمىسىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە يەرلىك خەلقنىڭ رايىغا بېقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى مەسىلە ‹شىنجاڭ› ئاتالغۇسىنى قوللىنىش ياكى قوللانماسلىق مەسىلىسى ئەمەس. ئۇيغۇرلار بۇ زېمىننىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ‹شىنجاڭ› دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ‹كونا زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش› دېگەن مەنىنى بېرىدىغانلىقىنى يىللارچە تەشۋىق قىلىپ كەلدى. ھۆكۈمەت بۇ تەشۋىقاتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ۋە زېھنىنى سەرپ قىلماقتا. ئەمما ھۆكۈمەت شۇنچە كۆپ مەبلەغ ۋە تەتقىقاتچى تەشكىللەپ بۇ زېمىننىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنى قايىل قىلالمىدى. تېخىمۇ ئېنىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇلۇپلانغان قەلبىنى ئاچالمىدى. تارىخ بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى، مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىندا بىر ئۆمۈر ياشىغان مۇستەملىكىچىلەر مۇستەملىكە قىلىنغۇچى يەرلىك خەلقنىڭ قەلبىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن! . . .»

تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە ھەر ۋاقىت سەزگۈر پوزىتسىيەدە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زېمىندىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «شىنجاڭ‹ئاتالغۇسى ۋە›شىنجاڭ مەسىلىسى" سەزگۈر سىياسىي تېما. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ زېمىندىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھېچ ۋاقىت بۇ زېمىننىڭ ئەركىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە يول قويماي كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى نامدا بۇ جايغا ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان بۇ يەردىكى خەلق ھەقىقىي ئاپتونومىيىگە ئېرىشەلمىدى. ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقۇقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يالغانچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.