ئەدەبىي ئوبزورچى: «پايتەختتە سەھنىگە ئېشەك ئېلىپ چىققان بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېشەك تاپماق تەس»

0:00 / 0:00

2017-يىللىق خىتاينىڭ باھار بايرىمى سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلانغان «تەڭرىتاغدىكى مۇھەببەت» ناملىق ئىتوت ھەققىدە خىتاي ئاخباراتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ئەكس ئەتكەن، دەپ كۆپلەپ ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، كۆپتۈرۈپ تەشۋىق ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇھەررىرى ئەنۋەر ئابدۇرەھىم ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئىتوت توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بەزى بىر تەنقىدى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرەھىم ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شۇنداقلا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرەھىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پروگراممىسىدا بولسۇن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.