خىتاينىڭ ئارمىيىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانى ۋە رىقابەت
2016.08.01
خەۋەر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارلىق، دۆلەت رەئىسلىك ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدەك ھوقۇقلارنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرگەن شى جىنپىڭ، دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارماقتا.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ « مالىيە ۋاقتى» گېزىتى ماقالىسىنىڭ تەھلىلى ئاساسىدا يېزىشىچە، شى جىنپىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ئىسلاھات خىتاينىڭ 1949-يىلىدىن بۇيانقى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ئىسلاھاتى بولۇپ، ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانلىق ھوقۇقى شى جىنپىڭنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. قۇرۇلما جەھەتتىنمۇ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇرۇنقى يەتتە چوڭ ھەربىي رايون ھازىر بەشكە قىسقارتىلغان.
خىتاي ئۇيغۇر رايونىغا تەسىس قىلغان شىنجاڭ ھەربىي رايونىمۇ بۇ يىل فېۋرالدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، مۇئاۋىن چوڭ ھەربىي رايونلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشكەن.
خىتاينىڭ « 1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى تەشۋىقاتلاردا بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ «قورال مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايدۇ، مەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن» دېگەن قەسەميادنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى شەرھىلەنمەكتە.
خىتايدىكى بۇ قېتىملىق ھەربىي ئىسلاھاتىنىڭ قانداق ئېھتىياجدا مەيدانغا چىققانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ نىشانى بىلەن رىقابەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان، سىياسىي ئانالىزچىلاردىن بىرى دىلشات رىشىت ئەپەندى، تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر ئۆز تەھلىل ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.