خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىش ۋاقتى كەلدىمۇ؟
2014.12.25
يېقىنقى كۈنلەردىكى تور بەت خەۋەرلىرىدە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئېكسپورتىدا ئۇدا 6 ئاي چېكىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت ۋەزنىدىن قارىغاندا، خىتايدىكى ئېكسپورت كارخانىلىرىدىن 40% ئى تاقىلىپ قالغان.
پېرېۋوت نىسبىتى ئازلاپ، دوللار قىممىتى ئېشىپ خىتاي پۇلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى قول تىقمىسا، خىتاي پۇلىنىڭ كەلگۈسىدە ئېشىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ھالغا كېلىپ قالىدىكەن.
مانا بۇ، خىتايدا ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي خەلق پۇلىنى ئۆلچەم قىلغان ئۆي-مۈلۈك باھاسىنىڭ زور ھەجىمدە تۆۋەنلەپ، خىتاي پۇلى قىممىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. خىتاي پۇلىنىڭ زور ھەجىمدە چۈشۈشى ئۆي -مۈلۈكچىلىك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. ئىقتىسادى كۆپۈك دەۋرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامال قىلىپ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقىرىشى كېرەك ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئومۇميۈزلۈك غۇلاپ چۈشۈشتىن بۇرۇن، بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئامالىنى قىلالامدۇ -يوق؟ بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نەرسە دېيىش تەس ئىكەن. ئەگەردە، خىتاي پۇلى گۇمران بولسا، بۇ قېتىملىق يەر شارى ئىقتىسادى كرىزىسىدا بەربات بولغان 2-پۇل بولۇپ قالىدىكەن. بۇ ئۆتكەلدىن خىتاي ھۆكۈمىتى قېچىپ قۇتۇلالامدۇ؟ خىتاي ئىقتىسادى كۆپۈككە ئايلىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدىمۇ؟
بىز بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە ئەنقەرە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ھەمدە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنى زىيارەت قىلدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.