شىۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسى «خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا ئاڭلىتىش بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2015.04.23
babur-mexsut-305.jpg رەسىمدىكى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەر بابۇر مەخسۇت، ئوڭ تەرەپتىكى خىتاي ئايال شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خىتاي ئايال دىپلومات جوۋ لۇلۇ. 2010-يىلى.
svd.se din elinghan

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسى نەچچە ئاي تەييارلىق قىلىپ ئىشلىگەن «خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدىكى پروگرامما 17-ئاپرېلدىن باشلاپ شىۋېتسىيە رادىئوسى ۋە رادىئو تور بېتىدە تارقىتىلدى.

2009-يىلى شىۋېتسىيەدە ئاشكارىلىنىپ، قولغا ئېلىنغان خىتاي جاسۇسىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئۈچۈن قانداق شەكىلدە جاسۇسلۇق ئېلىپ بارغان ئىش پائالىيەتلىرى، بۇ پروگراممىدا شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئانالىز بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەزكۇر دېلودىكى باش سودىيە، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىس، جاسۇسنىڭ ئادۋوكاتى، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قاتارلىق بىر قىسىم گۇۋاھچىلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەييارلاندى.

زىيارەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇن پروگراممىدا ئىسمى ئالىم دەپ تەقلىد قىلىنغان جاسۇسنىڭ بابۇر مەخسۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. پروگرامما ۋاقتى بىر يېرىم سائەت بولۇپ، ئۈچ كۈن ئۇدا تارقىتىلدى.

نىجات تۇرغۇننىڭ بايان قىلىشىچە، پروگراممىدا بابۇر مەخسۇتنىڭ شىۋېتسىيە ئىچى -سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئارىسىغا قانداق سىڭىپ كىرىپ، تەشكىلاتلاردىكى ئۇچۇرلارنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكى، شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ ئىزىغا قانداق چۈشكەنلىكى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قانداق توپلىغانلىقى، توپلىغان ئۇچۇرلارنى قايسى شەكىلدە خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئىستىخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خىتايغا بەرگەنلىكى، شۇ ۋاقىتتا بابۇرنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن قانداق پاش قىلىنغانلىقى، شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار قىلغان بايانلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار تونۇشتۇرۇلغان.

بابۇر مەخسۇت 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شىۋېتسىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 18 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بابۇر مەخسۇت تۇتۇلغاندىن كېيىن شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بابۇر مەخسۇت بىلەن ئالاقىسى بار ئىككى خىتاي دىپلوماتىنى شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقاردى. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى دەپ ئېلان قىلدى. بابۇر مەخسۇتنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ھازىرغىچە يەنىلا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بىز بۇ پروگراممىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇننى پروگرامما ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، شىۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسىنىڭ بۇ پروگراممىنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، پروگرامما تارقىتىلغاندىن كېيىنكى ستاتىستىكىدا ئاڭلاش، كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنى، شىۋېتسىيە خەلقى ئارىسىدىمۇ خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان جاسۇسلۇق قىلمىشىغا قارىتا ئىنكاسلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە شىۋېت خەلقىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشىغا قارىتا تونۇشىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
DeepSeek-suniy-eqil-1920
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.