خىتاي كۆچمەن تىجارەتچى ئايال: «بۇ يەردىكى تېررورچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئەمەسمۇ؟»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. ئۆز تۇپراقلىرىدىن نەپ ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قارىشىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، مارالبېشىدىكى ئاۋات كوچىلاردىن بىرىگە جايلاشقان «بەش يۇلتۇز تىجارەت مەركىزى» دىكى كۆچمەن خىتاي تىجارەتچى ئايال بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
-ھازىر مارالبېشىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى قانداق؟
-مەن ئېنىق بىلمەيمەن. مەن ئىچكىرىدىن كەلگەن تىجارەتچى. ئەمما ساقچىلار، قوغداش خادىملىرى ئىشقىلىپ 24 سائەت شەھەردە چارلاش ئېلىپ بارىدۇ.

-مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش ئېيى باشلانغاندىن بۇيانقى ۋەزىيەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھۋالى قانداق؟
-ھازىر ۋەزىيەت ناھايىتى ياخشى، پەقەتلا ئازساندىكى تېررورچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا.

-مارالبېشىدا نېمە ئۈچۈن ساقچىلار 24 سائەت چارلاش ئېلىپ بارىدۇ؟
-جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار كۆپ ئەمەسمۇ.

-سىزنىڭچە، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلار خەتەرلىك ھېسابلىنامدۇ؟
-شۇنداق. ۋەقە تۇغدۇرىدىغان تېررورچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئەمەسمۇ؟ چەتئەلدىكىلەر ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇۋەتكەچكە، ئۇلار تېررورلۇق ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئاساسەن ياشلار، چوڭلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار. سىزنىڭچە، خىتايلار شۇنداق ساراڭلارچە ئىش قىلارمۇ؟
-نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قەشقەر، مارالبېشى قاتارلىق جايلاردا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى سادىر قىلىدۇ؟
-ئۇيغۇرلاردىن سوراڭ. مەن بىلمەيمەن. مەن ئۇلارنى چۈشەنمەيمەن. ئۇلار بۇنداق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغاچقا بىزنىڭ تىجارىتىمىزگە تەسىر يەتتى. ئالدىنقى يىللاردا سودىمىز ياخشى ئىدى. ھازىر ياخشى ئەمەس، دېھقانچىلىق مەيداندىكىلەر نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى شەھەرگە كىرمەيدىغان بولدى.

-ھۆكۈمەت سىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىڭلارنى قوغدامدۇ؟
-بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ياخشى قوغدىلىدۇ.

-بۇ تىجارەت مەركىزىگە يېقىن جايدا مەسچىت بارمۇ؟
-بۇ يەر شەھەرنىڭ مەركىزى. بۇ ئەتراپتا ئۇيغۇرلار ئاز. شۇنداقلا تىجارەت مەركىزىدە تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى خىتايلار. ئۇيغۇرلار يوق.

‏-تىجارەت مەركىزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىرى ئۆلكىدىن چىققان خىتايلارمۇ؟
‏-توپ-توغرا، توپ-توغرا، ھەممىسى ئىچكىرىدىن چىققان خىتايلار.

-ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ۋەقە چىقىرىدۇ؟
-بىز سەۋەبىنى بىلمەيمىز. بىز كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلايمىز، تىنچلىق بولسا بولاتتى. ئۇلار ساراڭلارچە ئىش قىلىدۇ. خىتايلارغا بۇنداق ئىشنى قىل دەپ بىر مىليون پۇل بەرسىڭىزمۇ قىلمايدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلارغا بەش مىڭ كوي پۇل بەرسىڭىزمۇ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى يوق.

-سىلەر پۇل تېپىپ بولغاندىن كېيىن يۇرتۇڭلارغا قايتامسىلەر؟
-شۇنداق، يۇرتىمىزغا كېتىمىز. بۇ يەردە تۇرۇشنى خالىمايمىز. پۇل تېپىشنى دېمىسەك، بۇ ئۆلگۈر يەردە تۇرۇپ نېمە قىلىمىز. بۈگۈنى توختىسا،يەنە ئەتىسى ۋەقە چىقىۋاتقان. پەقەتلا بىلمەيمىز،ئۇلار نېمە ئۈچۈن ۋەقە چىقىرىدۇ؟ بۇ ۋەقەلەر ئۇلارنىڭ ئۆزىگە پايدىلىقمۇ ۋە بىزگە پايدىلىقمۇ؟ بىز بۇ يەرگە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن. بىز ئۇلارغا ئىقتىسادىي پايدا يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى يوق. ئۇلار نېمە ئىش قىلماقچى؟ ئۇلار ئۈچۈن ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش ئادەتتىكىچە بىر ئىش. ئەلۋەتتە ئۇلار، تەربىيە كۆرگەن، مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان بولسا، بۇنداق ئىشلارنى قىلمايتتى. دۆلەت بىخەتەرلىكىنى بۇزسا ئەلۋەتتە بالدۇر ئۆلىدۇ-دە.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.