ئىلشات ھەسەن: «خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە پەقەت مۇناسىپ ئەمەس»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.01.19
2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى
Yettesu

«ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 19-يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئولىمپىك تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چەت ئەللىك تەنھەرىكەتچىلەرنى مۇسابىقە جەريانىدا سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ شۇ 18-يانۋار كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئولىمپىك روھىغا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا زىت ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتتە بولغۇچىلار بەلگىلىك جازاغا ئۇچرايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى نىزامنامىسىنىڭ 50-ماددىسىدا ئولىمپىك مەيدانلىرىدا «نامايىش قىلىش، سىياسىي، دىنىي ياكى ئىرقىي تەشۋىقات قىلىش» چەكلەنگەن ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قائىدىلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن، دەپ قارىغان. ئۇلار يەنە ياڭ شۇنىڭ سۆزلىرى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ خىتايدا ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، دەپ قارىغان.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، 18-يانۋار كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ساھىبخانلىق قىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، سۆزلىگۈچىلەر تەنھەرىكەتچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بېيجىڭدىكى چېغىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەنقىد قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان.

«ھەق-ئادالەت ئۈچۈن نومۇر ئېلىڭ» پائالىيىتىنى باشلاتقان ئىدرىس ئاياس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ پائالىيىتى ئارقىلىق ئەسلىدە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇكاپات ئىلىش سەھنىسىدە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنى قولللايدىغانلىقنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ تەنھەرىكەتچىلەرگە قارىتا يولغا قويغان چەكلىلمىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۇنياغا ئۆزىنى ‹قانۇن دۆلىتى› دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تەنھەرىكەتچىلەرگە قالايمىقان چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتىدۇ، بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك. بىز تەنھەرىكەتچىلەرنى ھەق-ئادالەت تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىرىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار، سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار، ئەڭ ئاددىيسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا خىتاينىڭ سىياسىتىگە باھا بەرگەنلەرمۇ تۈرمىگە قامالغان. ئەگەر بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسگە قاتناشقان بىر تەنھەرىكەتچى پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن جازالانسا، خەلقئارانىڭ غەزىپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنى جازالىيالماسلىقى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما 18-يانىۋار كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياڭ شۇ مۇسابىقە داۋامىدا تەنھەركەتچىلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى جازاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئاددىيسى خىتايدا كۈنسايىن كېڭىيىۋاتقان ۋىرۇسنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدىمۇ ئاساسىي خىزمەتلەرمۇ تېخى تولۇق ئىشلەنمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي مۇسابىقە كۆرۈرمەنلىرىگە ۋە تەنھەرىكەتچىلەرگە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويماقتا. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئەمەلىيەتتە بۇ مۇقەددەس مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشكە پەقەت مۇناسىپ ئەمەس.»

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 4-فىۋرال كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 14-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانى خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاقلىشىغا يول قويماسلىققا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.