مەمەتجان توخنىيازنىڭ «قەھرىمانلىقى» نى ئۆگىنىش دولقۇنى ھەرخىل ئىنكاس پەيدا قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.02.29
memet-toxtiniyaz-ugunush.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن «18-سېنتەبىر باي ۋەقەسى» دە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا. 2016-يىلى 26-فېۋرال، ئۈرۈمچى.
xj.xinhuanet.com

خىتاي ھۆكۈمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، «18-سېنتەبىر باي ۋەقەسى» دە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەتجان توخنىيازدىن ئۆگىنىش دولقۇنىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش پائالىيىتى 26-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتناشقان. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇندىن ئىلگىرىمۇ 29 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەمەتجان توخنىيانىڭ قىزى خەيرى، مەمەتجان توخنىيازنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن تۇرغۇن موللاق، جاڭ سەن قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس دوكلات بېرىش ئۆمىكى تەشكىللەپ، مەمەتجان توخنىيازنىڭ «قەھرىمانلىق ئىش-پائالىيەتلىرى» نى كەڭ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە جاڭ چۈنشيەن بۇ دوكلار بېرىش ئۆمىكى ئەزالىرىدىن ھال سورىغان.

خەۋەرلەردە مەمەتجان توخنىيازنىڭ توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان چارۋىچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا «ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن»لىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن. دىققەتنى تارتىدىغىنى، بۇ قېتىمقى خەۋەرلەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار «تېررورچىلار» ئاتالماي، «توپىلاڭچىلار» دەپ ئاتالغان.

بىراق، مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىدە ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، مەمەتجان توخنىيازنىڭ قانداقتۇر تۇتقۇن قىلىنغان چارۋىچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئەمەس، بەلكى ئىسيانچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، مەھكۇم ھالەتتە ئۆلتۈرلگەنلىكىنى تەكىتلەشكەن ھەمدە تۇتقۇن قىلىنغان 4 نەپەر چارۋىچىنىڭ ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىمۇ خىتاينىڭ سۈنئىي «قەھرىمان يارىتىش» ئېھتىياجىدىن مەمەتجان توخنىيازنى تاللىۋالغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممدى ئەپەندى خىتاينىڭ مەمەتجان توخنىيازنىڭ «قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش» مۇددىئاسى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-فېۋرالدىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «مەمەتجان توخنىياز ئونسۇ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1964-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، 1988-يىلى 12-ئايدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1982-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. ھايات ۋاقتىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، بىرىنچى دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان.»

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى مەمەتجان توخنىيازنىڭ قەھرىمان يارىتىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە يەنە شۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن «مەمەتجان توخنىياز 33 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا بىر قاتار مۇھىم، زور دېلولارنى پاش قىلغان، ‹مەملىكەت بويىچە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتىكى ئىلغار شەخس›، ‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ساقچى›، ‹ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكى ئون ئىلغار شەخس› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن، بىر قېتىم 2-دەرىجىلىك، ئىككى قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. 2015-يىل 13-ئۆكتەبىر باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن «18-سېنتەبىر» دېلوسىدىكى توپىلاڭچىلارنى ئىزدەپ تۇتۇش، تۇتقۇن قىلىنغان چارۋىچىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن قەبىھلەرچە ئۆلتۈرۈلۈپ، قۇربان بولغان. 2015-يىلى 11-دېكابىر مەمەتجان توخنىيازغا ئىنقىلابىي قۇربان، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى بويىچە 1-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ نام بېرىلگەن.»

ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىممۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇمكى، 2015-يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىدە كۆمۈركاندىكى خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مەمەت ئەيسا، مۇسا توخنىياز، تۇرسۇن جۈمە قاتارلىق ئىسيانچىلارنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى 56 كۈن داۋام قىلىپ، 13-نويابىر ئاخىرلاشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.