جۇ فېڭسو: «خىتاي خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا سۈكۈت قىلسا، بۇ كۈن ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.08.08
lager-yepiq-terbiyelesh-saqchi.jpg مەلۇم «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئالدىدا پوس تۇرۇۋاتقان خىتاي ساقچى.
BBC

27-ئىيۇل مىڭجىڭ (ئەينەك) تور تېلېۋىزىيىسى ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي ھەققىدە تەتقىقات» ئورگىنىنىڭ 53-قېتىملىق نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت سىياسىتى ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسى بولغان. مەزكۇر يىغىندا «خىتايدا ئىنسانپەرۋەرلىك» فوندىنىڭ باشلىقى جۇ فېڭسو ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

8-ئاۋغۇست كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇ فېڭسو ئەپەندى نۆۋەتتىكى خەۋەرلەردە ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق، ھەتتا ئىككى مىليوندىن ئۈچ مىليونغا قەدەر ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۈچۈن تولىمۇ ئېچىنىۋاتىمىز ھەم خىتاي پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدا ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمىز. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە نۇرغۇن جايدا بۇ خىل جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، بۇ جايغا قامالغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ يەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارغا ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› ۋە ‹مىللىي بۆلگۈنچىلىك› قاتارلىق قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ، خىتاي پۇقرالىرىنى سۈكۈت قىلىشقا، ھەتتا ھۆكۈمەتكە يانتاياق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. بۇ بەكمۇ خەتەرلىك ئەھۋال.»

جۇ فېڭسو ئەپەندى يەنە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى قۇرغان تەشكىلاتلار ۋە ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئەڭ ئەقەللىيسى بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ۋە نەچچە يۈز مىڭلىغان قازاق قېرىنداشلارنىڭ جاز لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى 30 نەچچە جايدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققان كانادادىكى شوۋن جاڭ ئەپەندىنى پىداكارلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ بىرى دەپ قارايمەن. شوۋن جاڭ تۋىتتېرغا يوللىغان رەسىملەردىن تىكەنلىك سىم توساقلار ئىچىدىكى لاگېرلارنىلا كۆرۈش مۇمكىن، ئەمما ئۇ لاگېرلارنىڭ ئىچىدە قانداق جىنايەتلەر سادىر بولۇۋاتىدۇ، بۇ ھازىرغىچە بىر سىر.»

جۇ فېڭسو ئەپەندى ئۆزلىرى يېقىندا ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلاردىن باشقا رايوندا ياشاۋاتقان خىتايلار ئارىسىدىكى سىياسىي جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقى بار دەپ قارالغان خىتايلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدىمۇ كۆزىتىش كامېرالىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىش، يول-يوللاردا كىشىلەرنى توسۇپ تېلېفون تەكشۈرۈش قاتارلىق قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ھازىر پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا كېڭەيتىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا بۇ قەدەر تېز كېڭىيىشىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ لاگېرلاردىكى جىنايەتلەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پاكىت توپلاش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر خىتاي خەلقى مۇستەبىت كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا، بۇ كۈن ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ شۇنداقلا ئاللىقاچان كېلىپ بولدى. شۇڭا بۇ خىل مۇستەبىتلىككە ھەرقانداق بىر ئىنسان سۈكۈت قىلماسلىقى، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.» 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى جۇ فېڭسونىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تەقىپلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشتا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ، ھەتتا ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

جۇ فېڭسو ئەپەندى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ۋە گۇگۇل تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، «خىتايدا ئىنسانپەرۋەرلىك» فوندى 2007-يىلى ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئىكەن. مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يەر ئاستى خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەمدە بولۇشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان ئىكەن. مەزكۇر جەمئىيەت يەنە ئۇيغۇرلاردىن ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى مەسىلىسىدە بەزى خىزمەتلەرنىمۇ قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلماقتىكەن. جۇ فېڭسو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى مۇھىم خىزمەت نىشانلىرىدىن بىرى قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.