تارىخ تارازىسىدىن خىتاينىڭ 3-سېنتەبىردىكى ھەربىي پاراتىغا قويۇلغان سوئاللار
2015.08.27
پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ 3-سېنتەبىردە بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي پاراتىغا گۇمان ۋە ھەيرانلىق سوئال قويماقتا.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئارىدىن توپ-توغرا 70 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخنى قايتا يېزىۋاتامدۇ-قانداق؟ خەلقئارا فاشىزم سېپىنى، بولۇپمۇ شەرقتىكى ياپونىيە مىلىتارىزمنى مەغلۇپ قىلغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئۇرۇشىمۇ ياكى ئۇنىڭ ياپونىيەگە تاشلىغان ئىككى دانە ئاتوم بومبىسىمۇ ۋە ياكى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مانجۇرىيەگە كىرگەن بىر مىليون كىشىلىك قوشۇنىمۇ؟
ئەينى چاغدا قاھىرە خىتابنامىسىگە قول قويغان ئۈچ دۆلەت رەھبىرىنىڭ بىرى بولغان جاڭ كەيشىنىڭ ئورنىغا بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن ماۋنىڭ رەسىمى ئالمىشىپ قالدى؟
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور جۈرئەت ئوبۇل بىلەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇلار بىردەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن «ساختا تارىخ» ياساۋاتقانلىقىنى، 1945-يىلى ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشىدا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى خىتاي 3-سېنتەبىردە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي پاراتنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇشۇ شەكىلدىكى ھەربىي پاراتلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى سېلىشتۇرما قىلدى.
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىمۇ پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش، ئارمىيەنى قوزغاپ پارات ئۆتكۈزۈشتەك ھەيۋە تاكتىكىسىنىڭ 1930-يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە، ئاندىن سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا، كېيىنچە خىتايدا داۋاملاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇلار زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسى ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغىنى بىلەن، ماۋ زېدوڭنىڭ 1970-يىللاردا ياپونىيەگە ئېيتقان رەھمىتى تارىخنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېنىق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.»
«بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقىنى خىتاي خەلقىدە ياپونىيەگە قارشى ئۆچمەنلىك ۋە قىساسخورلۇقنى قوزغاش بولۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇنىڭ ئەكسىچە ياپونىيە ۋە ياپون خەلقى ئەينى چاغدىكى ئۇرۇشنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئۇرۇشتىن ساقلىنىشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە، خالاس.»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.