خىتاينىڭ يېڭى يىللىق تەشۋىقاتى ۋە ئۇنىڭ كىرزىسقا تولغان ۋەزىيىتى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.01.04
shi-jinping-yengi-yil-nutqi-2023.jpg شى جىنپىڭ خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورۇنلاشتۇرغان يېڭى يىللىق پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا، 2022-يىلى 30-دېكابىر، بېيجىڭ.
AP

2023-يىل كىرىش ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللىق نەتىجىلىرىنى ماختاپ، يېڭى يىللىق «بۈيۈك پىلان»لىرىنى ئېلان قىلغان.

 شى جىنپىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆتكەن يىللىق نەتىجىلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەندە، يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ خىتاينىڭ يەنىلا دۇنيانىڭ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، «كوۋىدنى تىزگىنلەش كۈرىشى» نىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «خەلقنى ھەممىدىن ئۈستۈن، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن» قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، ئەمەلىيەت دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، تاراتقۇلاردا چىقىۋاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا،  خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتى بولسۇن، ياكى يېڭىدىن يولغا قويغان ئېچىۋېتىش سىياسىتى بولسۇن، ھەممىسى خىتاي پۇقرالىرىغا بالاسى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن.  نۆۋەتتە خىتايدىكى يۇقۇمدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىكەن.

كانادالىق خىتاي يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شېڭ شۆ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق نۇتقىغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: « شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىگەنلىرى نۆۋەتتە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەتسىز. مەسىلەن، ھازىر خىتايدا نۇرغۇن ئادەم  كوۋىد يۇقۇمىدىن ئۆلۈۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا، كوممۇنىزمنى نىشان قىلغان بىر سىياسىي گۇرۇھ. ئىنسانىيەت تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ گۇرۇھنىڭ ھاكىمىيىتى ناھايىتى رەزىل ۋە قەبىھ. خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، خەلقنى ئىنسان قاتارىدا كۆرگەن ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭ سىياسىتىدە خەلقنى ئويلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەن نەرسە يوق. بەلكى ئۇلار رادىكال، شەخسىيەتچى، ۋەھشىي بىر مەنپەئەت گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن خەلقنى قۇل قىلىدۇ، خەلقنىڭ مۈلكىنى بۇلاپ تالايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆتكەن 70 يىلدىن باشلاپ شۇنداق قىلىپ كەلدى».

«خىتاي خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورى»(CGTN)  2-يانۋار كۈنى بىر قىسقا ۋىدىيو تارقىتىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىل خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىغا بارغاندىكى يوليورۇقلىرى، بۇ ئىككى رايوننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلغان.

بۇ ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2022-يىل خىتايدا 7 قېتىم جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چىققان بولۇپ، «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەندەك سىياسەتلىرىنى تەكىتلىگەن.  ئۇ 7-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتنىڭ ياخشىلىقىنى، يىلدا بىر سىياسىي نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى، يىلدا بىر نەچچە مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ماختىغان. «ھەر مىللەتنىڭ بىر ئارغامچىدەك باغلىنىپ، بىر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ تىرىىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك» لىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ما جۈ ئەپەندى خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاتالمىش«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:  «بۇ يەردىكى ئىتتىپاقلىق سۆز مەنىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ئەمەس، بەلكى خىتاينى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى،  خۇاشيا مىللەتلىرىنى مەركەز قىلغان ئىتتىپاقلىق. بۇ دېگەنلىك، خىتاي كومپارتىيەسى ياكى شى جىنپىڭ قىزىل قۇياشتەك مەركەزدە، قالغانلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا زىچ ئۇيۇشقان بولۇشى كېرەك.  <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى>دېگىنى، خىتايلارنى، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ئىتتىپاقلىق بولۇپ، سىلىقراق ئېيتقاندا خىتاي مەدەنىيىتىگە قوشۇلۇپ كېتىش، قوپالراق ئېيتقاندا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى بىرلا خىتاي مەدەنىيىتىگە ئايلاندۇرۇش. خىتاي ھەرگىز مەن سەن بىلەن ئىتتىپاقلىشاي دېمەيدۇ، بەلكى سەن مېنىڭ يېنىمغا كېلىشىڭ كېرەك، دەيدۇ. خىتايدىكى ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تارىختىن بېرى شۇنداق بولۇپ كەلدى».           

شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق نۇتقىدا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە ئۆزىنىڭ دۇنياغا تەھدىت بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىشارەت بەرگەن.  رۇيترېس ئاگېنتلىقىىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  خىتاينىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 1-يانۋار كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئانالىزچىلار بۇنى خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى كىرزىسلارغا بوغۇلۇۋاتقانلقى، شۇڭا ئامېرىكا بىلەن يارىشىشتىن باشقا ئامالى يوقلۇقىغا باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە. ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى رايموند كو (Raymond Kuo)  مۇنداق دەيدۇ:

«ۋاڭ يىنىڭ ئامېرىكانى ھەمكارلىققا چاقىرىشى مەنچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ھەرىكەتچان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن كۆرە يەنىلا ياخشى ئۆتۈپ كېتىش. ئىككى تەرەپ سۈركىلىشىپ يۈرگەندە بالدۇرراق يارىشىپ قالغاننىڭ زىيىنى يوق؛  ئەمما بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە،  خىتاينىڭ قانچىلىك سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىدۇر. بۇ جەھەتتە خىتايغا تازا ئىشەنچىم يوق».

يازغۇچى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى يىلدا تېخىمۇ كۆپ كوۋىد كرىزىسى ۋە ئىقتىسادىي بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق نۇتقى پەقەت «يالغانچىنىڭ كۆز بويامچىلىقى ۋە خام خىيالى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن، ھەمدە  خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئېھتىياجىنى قامداشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىكەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.