خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇلتۇر مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇنى پارىخورلۇق قىلمىشى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ سوتقا تاپشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ 1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭنىڭ چىرىكلىك قىلمىشى سەۋەبلىك پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلدىن بۇيان خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىدىن 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغان. بۇ ئەھۋال خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرى 30-ئىيۇل كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشۇڭنىڭ كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتى 31-ئىيۇل يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە قاتناش ساقچى قىسىملىرىنىڭ باش سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ شىننىڭ چىرىكلىك دېلوسى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايوننىڭ باش قوماندانى جاڭ شىننىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك دېلوسى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن باشلانغان «چىرىكلىك، پارىخورلۇققا زەربە بېرىشتە يولۋاسنىمۇ، چىۋىننىمۇ يوقىتىش ھەرىكىتى»دە، خىتاي ھەربىي ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلاردىن پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار 40 نەپەردىن ئاشقان. 10 نەچچە مارشال دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شۈ سەيخۇ، گو بو شيۇڭ قاتارلىق خىتاي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئىككى نەپەر سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي ھەربىي ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىڭ، خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە قاتناش ساقچى قىسىملىرىنىڭ باش سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ شىن، خېيلوڭجاڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايوننىڭ باش قوماندانى جاڭ شىن قاتارلىقلار خىتاي ھەربىي سىستېمىسىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ جازالانغان «چوڭ يولۋاس» لار دەپ تەرىپلەندى.
خىتاي ھەربىي قوشۇنىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «چىرىكلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئوفىتسېرلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى ۋە ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گو بوشيۇڭ قاتارلىق بىرقانچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇش بايرىمى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيىسى سىستېمىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغان، مەدھىيىلەيدىغان ماقالىلەر كۆپەيدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خەلق گېزىتى، جۇڭگو خەۋەرلەر تورى قاتارلىقلاردا «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىشتە تەكىتلىگەن10 جۈملە سۆزى»، «ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ھەربىي ساھەدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى» قاتارلىق ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 1-ئاۋغۇست خىتاي ئارمىيە بايرىمى كۈنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گېزىتىمۇ باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ھەربىي ساھەسىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ھەربىيلەر قوشۇنىدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي تازىلاش كېرەكلىكى» نى بىلدۈردى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى «شى جىنپىڭ ھەربىيلەر قوشۇنىدا چىرىكلىككە زەربە بېرىپ چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بارماقچى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ «شى جىنپىڭ كۈچىنى زورايتماقتا» ناملىق پروگراممىسىدا شۇنداقلا رويتېرس ئاگېنتلىقى، نيۇيورك ۋاقتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى خەۋەر ئانالىزلىرىدا خىتاي ھەربىي سىستېمىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھەربىي ساھەدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىرىنى تازىلاپ، بارلىق ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ھەربىي ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ۋە سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە ئوتتۇرىغا قويدى.
پروفېسسور شيا مىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ھەربىي ساھەگە قەدەر كېڭەيتىشىدىكى 1-سەۋەبنىڭ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ساھەدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى خىتايدىكى ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى خىتاي ھەربىي ساھەسىدىكى زور كۆپچىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار جياڭ زېمىن دەۋرىدە ئۆستۈرۈلۈپ ۋەزىپىگە قويۇلغانلار. چۈنكى خۇ جىنتاۋنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھوقۇقى ئىلگىرىكى جياڭ زېمىندىن ۋە كېيىنكى شى جىنپىڭدىن جىق ئاجىز ئىدى. شۇڭا شى جىنپىڭدىن ئىلگىرىكى رەئىس خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە ئۇلار ئاساسەن ئۆز ئورنىدا تۇرۇۋەردى. ھەربىي ساھەدىكى ھوقۇقمۇ ئەلۋەتتە جياڭ زېمىننىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن شۈ سەيخۇ ۋە گو بوشيۇڭ قاتارلىق ئىككى مۇئاۋىن ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتى. ئۇلار خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالدى. شۇڭا شى جىنپىڭ «چىرىكلىككە زەربە بېرىش» نامىدا بۇ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھەربىي ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىنى سالدى دېيىشكە بولىدۇ.»
شيا مىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھەربىي ساھەسىدىكى چىرىكلىكنىڭ خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئېغىرلىقىنى ۋە بۇنداق بولۇشىغا يەرلىكتە پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىنى پاش قىلىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى، ئەمما ھەربىيلەر ئارىسىدا بۇ خىل پاش قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھەربىي سىستېمىسىدا چىرىكلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور شيا مىڭ ئەپەندى بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يەنىلا خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە ھەربىي ساھەدىكى ئاساسىي ھوقۇقنىڭ شۈ سەيخۇ گو بوشيۇڭلارنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ، ئوفىتسېرلارنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ سودىغا ئايلىنىشىدەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ،«خىتاي ئارمىيىسى شۈ سەيخۇ ۋە گو بوشيۇڭلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەزگىلدە، ئەمەل سېتىش-ئەمەل سېتىۋېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولدى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن چىرىكلىككە زەربە بېرىش نامىدا جياڭ زېمىننىڭ ھەربىي ساھەدىكى تەسىرىنى تازىلىماقچى بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي ساھەدىكى چىرىكلىك پارىخورلۇقنى يوقىتىپ، خىتاي ئارمىيىسىنى رەتكە سالماقچى» دېدى.