ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى: قازاقىستاننىڭ يېڭى يىپەك يولى قارىشى خىتاي بىلەن ئوخشاش
2015.05.21
ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 19-مايدىكى سانىدا ژۇرنالىست شانون تېجىنىڭ «قازاقىستاننىڭ يېڭى يىپەك يولى قارىشى خىتاي بىلەن ئوخشاش» ناملىق قازاقىستان-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە ئائىت سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش سەپىرى ئۈستىدە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، خىتاي ئۈچۈن ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قازاقىستان تولىمۇ ئىستراتېگىيىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ژۇرنالىست شانون تېجى ماقالىسىدە، شى جىنپىڭ ئۈچۈن قازاقىستان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر دۆلەت، چۈنكى ئۇ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈس ئالغان ئىستراتېگىيە پىلانىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەردىن بىرى دەپ كۆرسەتكەن.
قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پايتەخت ئاستانادا پرېزىدېنت نەزەربايىفنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆزىنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، قازاقىستاننىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى قوللاپ، خىتاي بىلەن يېقىندىن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.
ماقالىدە شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئاستانە بىلەن كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ۋە باشقا سىياسىي تەرەپلەردە ئۆز -ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، توختاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شانون تېجىنىڭ قارىشىچە، ئىككى دۆلەت ئۆز -ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشتە قازاقىستان خىتاي تەرەپتىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى قايرىپ قويۇپ، بىرى-بىرىگە ئىشەنچ باغلىغان ھەقىقىي دوستلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىدە خىتاي دوستلۇقىنىڭ نېفىتكە باغلىغانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قازاقىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى مونوپول قىلىش ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.
قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ، ئاستانە ئۆز ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشتە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان موسكۋاغا ئەگەشمەي، بەلكى خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكىمۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قازاقىستان خەلقئارا سىياسىي ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ھەيدەر ئامىربايوف:«قازاقىستان، دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشتە پەقەتلا خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا ئەگەشكەندىلا ئاندىن روناق تاپالايدۇ» دەپ قارايدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگراسى ھەممىدىن ئۇزۇن بولغان قازاقىستان بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كۆپلەپ كۈچ سەرپ قىلىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، رايون بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى پەسەيتىش ئىكەن.
ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئۆزگىچە قاراشلىرىنى بايان قىلغان، ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۈكى خانىم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇش پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ھەسسىلەپ باستۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-شى جىنپىڭ شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىنى پەقەتلا خالىمايدۇ. شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇش پىلانى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە كۆپلەپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت يەتكۈزۈش. شى جىنپىڭ بۇ خىلدىكى ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باي قىلمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىقنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارغا يېتىپ ئاشىدۇ. بۇ يېرىدىكى ھالقىلىق مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەگەر راستىنىلا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولالىسا، شۇندىلا ئۇلارنىڭ باي بولۇش ئېھتىماللىقى بار. شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە كۆپلەپ ئەھمىيەت بېرىشى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قىلىشىنى توسۇش بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندىن ھەممىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىدۇ. بېيجىڭ ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئوبدان ساقلاپ كەلمىسە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆزىگە ئوت تۇتاشتۇرىۋالىدۇ. شۇڭا خىتاي دۆلىتى شاڭخەي بىرلىكى تەشكىلاتىنى ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇردى. خىتاي يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىياغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىداش بولغان ئافغانىستان، پاكىستانلار بىلەن بولغان دوستلۇققىمۇ كۆپلەپ پۇل خەجلەۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنى قۇرۇش پىلانى يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان خەلقئارا سەھنىدە ئويناۋاتقان ئويۇنى دەپ قارايمەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.