ئادرىيان زېنىز ئەپەندى بىلەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھۆكۈمى ھەققىدە سۆھبەت

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.12.14
4.5 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلىدىغانلىقى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ دەلىلىمۇ؟ دوكتور ئادرىئان زېنز «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا توردىن قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 7-ئىيۇن.
Photo: RFA

9-دېكابىر كۈنى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى چىقاردى. مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 63 بەتلىك ھۆكۈمنامىنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان بولۇپ ھۆكۈمنامىگە قارىغاندا، بۇ ھۆكۈمنىڭ چىقىرىلىشىدا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز ئېلان قىلغان 28 بەتلىك «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق دوكلاتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» گە ئائىت رەسمىي ھۆججەتلىرىدىكى مەزمۇنلار ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پىلانلىرى ئاشكارىلىغانىدى. ئادرىيان زېنىز دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت ئىككى رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 2015-يىلىدىن باشلاپ تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلەپ ماڭغانلىقى، 2020-يىلىغا كەلگەندە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى نۆل بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

تۆۋەندە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشىغا ئۈمىد بولغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى مۇھىم ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.