زۇنۇن قادىرى: «ئۆلۈكۈم بولسىمۇ خىتاي رېجىمىدىن يىراق تۇرسۇن!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019.10.30
Zunun-Qadiri-1.jpg

زۇنۇن قادىرى ئەپەندى ئايالى زىلەيخان خانىم بىلەن. 1950-يىللار. RFA/Uchqun

Zunun-Qadiri-2.jpg

زۇنۇن قادىرى ئەپەندى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى بىلەن بىللە. 1980-يىللار. RFA/Uchqun

Zunun-Qadiri-3.jpg

زۇنۇن قادىرى ئەپەندى(ئالدىنقى رەت سولدىن 1-كىشى) بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن. 1980-يىللار. RFA/Uchqun

Zunun-Qadiri-4.jpg

زۇنۇن قادىرى ئەپەندى خانىمى زىلەيخان بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە. RFA/Uchqun

1989-يىلى ياشىنىپ كېسەلچان بولۇپ قالغان يازغۇچى زۇنۇن قادىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە تۇغقان يوقلاشقا چىقماقچى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا ئاللىقاچان 80 ياشقا يېقىنلاپ قالغان زۇنۇن قادىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ توغرىسىدىكى نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماستىن قازاقىستانغا چىقىش پىكرىدە چىڭ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى قازاقىستانغا چىقىدۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئالمۇتادا ۋاپات بولىدۇ.

ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان ئەدىب ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى ئاققان تۇپرىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى تاشلاپ قازاقىستانغا چىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

ئەخمەت ئىگەمبەردى بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «زۇنۇن قادىرى 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا زۇنۇنكام ئايالى زىلەيخان ھەدەمگە ۋەسىيەت قىلغان ئىكەن. مېنى قازاقىستانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار، ئۆلۈكۈم بولسىمۇ خىتاي فاشىستلىرىنىڭ چىركىن ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدا قالمىسۇن دېگەن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن زىلەيخان ھەدەم زۇنۇن قادىرىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن قازاقىستانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن.»

ئەخمەت ئىگەمبەردى يەنە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئالمۇتادا زۇنۇن قادىرىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «زۇنۇنكام چېگرادىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىمۇ تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، چېگرادىن ئۆتكەن ئىكەن. مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئالمۇتادا بولغان چاغلىرىمدا ئاڭلىسام، زۇنۇنكام قازاقىستانغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاپات بولغان ئىكەن. زۇنۇنكامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن قازاقىستاندىكى سەپداشلىرىدىن ھاشىر ۋاھىدى، باتۇر ئەرشىدىنوف، مەسۈمجان زۇلپىقارۇپ ۋە يۈسۈپبەگ مۇخلىسى قاتارلىقلار زۇنۇنكامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، زۇنۇنكامنى ئالمۇتادىكى شەرق تېڭى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان ئىكەن. مەن زۇنۇنكامغا زامانداش بولۇش سۈپىتىم بىلەن زۇنۇن قادىرىنىڭ ھاياتىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىگە شاھىت بولدۇم. يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زۇنۇن قادىرى ھەققىدە ئۆزۈم كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەسلىمىلىرىمنى ئۇيغۇر خەلقىگە خاتىرە ھېسابىدا تەقدىم قىلدىم.»

زۇنۇن قادىرىنىڭ چەتئەلدىكى ۋاپاتى ھەققىدە يەنە ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پروفېسسور سۇلتان مامۇت قەشقەرلىمۇ ئۆز ئەسلىمىسىنى تەقدىم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «زۇنۇن قادىرى قازاقىستانغا بارغاندىن كىيىن، شۇ يەردىكى جامائەت ئەربابلىرىغا ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، مېنى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىڭلار دېگەن ئىكەن. زۇنۇن قادىرىنىڭ بۇنداق قىلىشى ۋەتەننى سۆيمىگىنى، ۋەتەننى تەرك ئەتكىنى ئەمەس. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى پارتلاتقان، شۇ ئىشلارنى زۇنۇن قادىرىمۇ بىلىدۇ. شۇڭا بىر كۈنلەردە مېنىمۇ خاتىرجەم ياتقۇزماي قالمىسۇن، مۇشۇ يەردە بولسىمۇ خاتىرجەم ياتاي دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.»

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشىغا، ھەتتا ئۆلۈمىنىمۇ چەتئەلدە تاللىشىغا زادى نېمە سەۋەب بولغان؟

دوكتور مەمتىمىن ئەلا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىكى بۇ تاللىشى ۋە جەسىتىنىڭمۇ قايتۇرۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلىشى، يازغۇچىنىڭ قەلبىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان كۈچلۈك قارشىلىقى دەپ قارايمەن. يازغۇچى زۇنۇن قادىرى كېيىنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ جەسىتىگىمۇ جازالاش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ئەينى ۋاقىتتا ياقۇپ بەگنىڭمۇ جەسىتىنىمۇ تىنچ قويمىغان.»

دوكتور مەمتىمىن ئەلا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتىغا مەڭگۈ قايتماسلىقنى نىيەت قىلىپ چەتئەلگە چىقىشى، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن تىراگېدىيەلىك تاللاش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە يازغۇچىنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك غۇرۇرىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن.»

دوكتور مەمتىمىن ئەلا خىتايلارنىڭ تارىختىن بېرى ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جەسىتىنى خورلاش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش ۋە باشقىلارغا ئىبرەت قىلىدىغان ئادىتى بارلىقىنى، ئېھتىمال زۇنۇن قادىرى بۇنى ياخشى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق تىراگېدىيەلىك بىر تاللاشتا بولغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاتاقلىق يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس پروگراممىمىزنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.