بۇ يىللىق ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىدە ئۈچ ئۇيغۇر پائالىيەتچى سەھنىگە چىقتى

2026-يىللىق ئوسلو مۇنبىرىگە رۇشەن ئابباس، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە كەۋسەر ياسىنلار قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن.

2009-يىلىدىن بېرى ئېچىلىپ كېلىۋاتقان ۋە «ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىنىڭ داۋوس يىغىنى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئوسلو مۇنبىرى يىغىنىدا بۇ يىل ئۈچنەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى سەھنىگە چىقتى. بۇلار «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى رۇشەن ئابباس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇسۇلمان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ كوردىناتورى كەۋسەر ياسىندۇر.

ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا رۇشەن ئابباس خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى قانداق ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى يىلدىن-يىلغا شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزگە كۆرۈنمەس، ئەمما ۋەھشىي ھالەتتە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. ئۇ سۆزىدە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» ئېلان قىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسىدىن نەقىل ئېلىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەرنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 627 مىڭ كىشى سىغىدىغان كۆلەمدە ئىكەنلىكى ۋە بۇ ساننىڭ ئوسلو شەھىرىنىڭ نوپۇسىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا، خىتاينىڭ يېقىندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى يولغا قويۇپ يىللاردىن بېرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى قانۇن بىلەن پەدەزلىگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رۇشەن ئابباس نۇتقىدا يەنە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن بىر قاتار مىساللارنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە، دىنىي چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنىڭ تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە خىرىستىيانلارغا قارىتامۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.

ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، دىنىي ئېتىقادقا، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە، شۇنداقلا ئىنسانلىققا قارشى بىر ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، نۆۋەتتىكى تارىخىي پۇرسەت چىڭ تۇتۇلمىسا ۋە خىتاي تىزگىنلەنمىسە، بۇ زورۋانلىقنىڭ بەدىلىنى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنىڭ دۇنيۋى كۆلەمدە تۆلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

زۇمرەتئاي ئەركىن ئۆتكەن يىلى ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ ”ياش رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پىلانى“غا تاللانغان. ئۇ بۇ بىر يىل جەريانىدا بېلگىيە، كوستارىكا ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا ئالاقىدار دەرسلەرنى ئالغان. ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كەۋسەر ياسىن بىلەن بىرلىكتە ئوسلو مۇنبىرىنىڭ «Ignite Talk» يەنى «تەسىرلىك سۆز» (ئوتلۇق نۇتۇق) قىسمىدا بەش مىنۇتتىن سۆز قىلغان؛ ئۇلار سۆزىدە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. زۇمرەتئاي سۆزىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسى باشتىن كەچۈرگەن خەۋپ-خەتەرلەرنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئارامچىلىق بەرمەيۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.